سۈرەتتە: 2-ئاينىڭ 21-كۈنى باڭلادىش پايتەختى داككادا تارتىلغان ئوت ئاپىتى نەق مەيدانى.
شۇ يەر ۋاقتى 20-فېۋرال سائەت 20دىن 23 مىنۇتلار ئەتراپىدا، باڭلادىش پايتەختى داككانىڭ كونا شەھەر رايونىدىكى بىر ئىسكىلات ئىچىدىكى يېقىلغۇ گاز باكى پارتلاپ كېتىپ، زاپاس ساقلانغان خىمىيەۋى بۇيۇمغا ئوت تۇتىشىپ، ئوتنىڭ تېز سۈرئەتتە ئەتراپتىكى ئۆيلەرگە يامراپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. داككا شەھىرىنىڭ ئەمەلدارى ئەلى ئەزەمنىڭ ئېيتىشىچە، ئوت ئاپىتىدە ئاز دىگەندىمۇ 81 ئادەم قازا قىلغان، نەچچە ئون ئادەم يارىلانغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى