باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېزا ئىسلاھاتىدا بوشىشىپ كەتمەسلىك كېرەك

سىياسەت يەشمىسى: مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىگە نەزەر (2)

2019.02.22 16:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا تەرەققىياتىدا دۇچ كەلگەن ھەر خىل زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، تۈپتىن ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تايىنىلىدۇ. مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، يېزا ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا-كەنت تەرەققىياتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.

  «مۇقىم»لىق بولسا ئاساستۇر

  __ يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىدە ۋە يەر ھۆددىگەرلىك مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت بولماسلىق»نىڭ تۆۋەن چېكىنى چوقۇم ساقلاش كېرەك

  __ يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، «مۇقىم»لىق بولسا ئاساستۇر، ئۆزگىرىش بىلەن ئۆزگەرمەسلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئوبدان ئىگىلەش كېرەك.

  __ يېزا ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمى بولسا پارتىيەنىڭ يېزا سىياسىتىنىڭ ئۇل تېشىدۇر ھەم يېزىنىڭ ئەڭ چوڭ سىياسىتىدۇر. تارىخىي تەجرىبىلەر بىلەن يېزا ئىسلاھات ئەمەلىيىتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئائىلە ئىگىلىكىنىڭ ئۇللۇق ئورنىدا چىڭ تۇرۇش دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ دۆلەت سىياسىتى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدۇ، يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە مەيلى قانداق يېڭىلىق يارىتىلسۇن، دۆلىتىمىز يېزىلىرىدىكى ھازىرقى ئەڭ ئاساسىي تىجارەت شەكلى بولسا ئائىلىۋى ئىگىلىك بولۇپ، بۇ كەلگۈسىدىمۇ شۇنداق بولىدۇ، ئۇنىڭدىن قىلچە تەۋرىنىشكە بولمايدۇ.

  بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە 1 مىليارد 480 مىليون مو ھۆددە يېرىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىپ تىزىملاش تاماملاندى. مەركەزنىڭ 1- نومۇرلۇق ھۆججىتىدە، ھۆددە يەر ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىپ تىزىملاش، گۇۋاھنامە بېرىش خىزمىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئورۇنداش ئاساسىدا، ئاخىرلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى گۇۋاھنامىسىنى دېھقانلارنىڭ قولىغا تارقىتىپ بېرىش تەلەپ قىلىندى.

  تەكىتلەشكە تېگىشلىكى يېزا ئىسلاھاتىدا، مەيلى قانداق ئىسلاھ قىلىنىشىدىن قەتئىينەزەر، يېزا يەرلىرىنىڭ كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنى ئۆزگەرتمەسلىك، تېرىلغۇ يەرلەرنى ئازايتىۋەتمەسلىك، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋەتمەسلىك، دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكتىن ئىبارەت تۆۋەنكى چەكتە چوقۇم چىڭ تۇرۇش لازىم. بۇ «تۆتنى قىلماسلىق» يېڭى بىر نۆۋەتلىك يېزا ئىسلاھاتى ئارقا كۆرۈنۈشىدە، ناھايىتى كۈچلۈك رېئال قاراتمىلىققا ئىگە.

  «جانلاندۇرۇش» − نىشان

  __ بايلىق ئامىللىرىنى جانلاندۇرۇشتا، ئىككى خىل يېڭى تىپتىكى يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنى گەۋدىلىك يۆلەپ، ئىشلەپچىقىرىش-ئىگىلىك باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش لازىم

  ھۆددە يېرىنىڭ «ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش»نى يولغا قويۇش يېزا ئىسلاھاتىدىكى بىر چوڭ تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ھېسابلىنىدۇ. ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىگىلىك باشقۇرۇش ھوقۇقىنى جانلاندۇرۇش − دېھقانلار كوللىكتىپى، ھۆددىگەر دېھقانلار، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنىڭ يەر ھوقۇقىدىن ھەمبەھىرلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزىلاردىكى بايلىق ئامىللىرىنىڭ مۇۋاپىق تەقسىملىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن تۈزۈم ئاساسىنى تىكلەپ، يېزا ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

  بۇنىڭدىن كېيىنكى تىجارەت ئۇسۇلىدا قانداق يېڭىلىق يارىتىش كېرەك؟ مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانلىرى ۋە دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن ئىبارەت ئىككى خىل يېڭى تىپتىكى يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇپ، ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانى يېتىشتۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇپ، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىش كوپىراتىپى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانى، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشتىكى سىياسەت سىستېمىسى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم.

  يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا يالغۇز ئىلگىرىلەش ئەمەس، بەلكى كۆپ خىل ئامىللارنى بىرلىكتە ھەرىكەتلەندۈرۈش لازىم. بۇ يىل يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تەجرىبىلىرىنى تولۇق يەكۈنلەش ئاساسىدا، نەتىجىلەرنى قوللىنىشنى كۈچەيتىش لازىم. نۇقتىدا سىناق قىلىنىپ بىر قەدەر پىشقان، مەسىلەن يېزا يېرىنى ئېلىش، كوللېكتىپ تىجارەتلىك قۇرۇلۇش يېرىنى بازارغا سېلىش قاتارلىقلارغا يانداش تۈزۈملەرنى بېكىتىپ، چىڭ تۇتۇپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆلەمنى كېڭەيتىش لازىم.

  «ئادەم» − ئاساس

  __ دېھقانلارنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، يېتەرلىك تارىخىي سەۋرچانلىقنى ساقلاش، ھەممە تەڭ قەدەمدە مېڭىش، بىر تاياقتا ھەيدەشنى يولغا قويماسلىق لازىم

  يېزا ئىسلاھاتىنى دېھقانلار ئۈچۈن ئېلىپ بېرىش، دېھقانلارغا تېخىمۇ تايىنىش لازىم. دېھقانلار يېزا تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولۇپ، ھاياتىي كۈچكە ۋە ئىجادچانلىققا تولغان كىشىلەر توپى، دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ بىلىش ھوقۇقى، ئىشتىراك قىلىش ھوقۇقى، ئىپادىلەش ھوقۇقى ۋە نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك، ئۇلارنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرغاندىلا، ئاندىن يېزىلاردىكى ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا تەرەققىياتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ.

  مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئۇششاق دېھقان ئىگىلىكى بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىشىنى قوللاشتىكى سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «دېھقان ئائىلىسى + كوپىراتىپ»، «دېھقان ئائىلىسى + شىركەت» مەنپەئەتىنى چېتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ھەربىر ئائىلىنى پۈتۈن جەريانلىق ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش − دەل كەڭ دېھقانلارنى ئىسلاھاتتىن ئېرىشكەن نەپتىن تولۇق بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈندۇر. ئۇندىن باشقا، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت كۆلىمى قانچە چوڭ بولسا شۇنچە ياخشى، دېگەنلىك ئەمەس، يەرنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ تەرتىپلىك ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئوبوروت قىلىش، مەركەزلەشتۈرۈش، كۆلەملىك ئىگىلىكنىڭ دەرىجىسىنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك. بازارلاشتۇرۇش مۇساپىسى ۋە يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش كۆلىمىگە ماسلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى يېڭىلاش دەرىجىسىگە ماسلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت سەۋىيەسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشكە ماسلاشتۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر