باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا مۇرەسسە قىلىشقا بولمايدۇ

سىياسەت يەشمىسى − دىققەتنى مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىگە مەركەزلەشتۈرۈش (4)

2019.02.25 15:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018-يىلى يېزىلاردىكى 13 مىليون 860 مىڭ نامرات نوپۇس ئازايتىلدى! يېقىندا، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان ئۇچۇرغا قارىغاندا، ئېلىمىز يېزىلىرىدىكى نامرات نوپۇس ئازىيىپ، 16 مىليون 600 مىڭ ئادەم قالغان، نامراتلىق يۈز بېرىش نىسبىتى تۆۋەنلەپ %1.7كە چۈشكەن.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا زور ھەل قىلغۇچ نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئەڭ ھالقىلىق باسقۇچقا كىردى. يېقىندا ئېلان قىلىنغان مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە، «كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش» بۇ يىللىق يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىدىكى قاتتىق ۋەزىپە قىلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى كەم-كۈتىسىز ئورۇنداش، 2020-يىلىغا بارغاندا ھازىرقى ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، نامرات ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ نامراتلىق قالپىنى چۆرۈپ تاشلاپ، رايون خاراكتېرلىك ئومۇميۈزلۈك نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئېنىق ئوتتۇرىغا قۇيۇلدى.

  مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە، ئېغىر نامرات رايونلارغا ئاساسلىق ھۇجۇم قىلىشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى ھەمدە مۇنۇلار تۇنجى قېتىم ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «ئۈچ ئاپتونوم رايون، ئۈچ ئوبلاست»تىن باشقا نامرات ئاھالە كۆپ، نامراتلىق يۈز بېرىش نىسبىتى يۇقىرى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ئېغىر نامرات رايونلارغا قارىتا، ئوخشاشلا مەبلەغ تۈرلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش لازىم. ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى «ئۈچ ئاپتونوم رايون، ئۈچ ئوبلاست»نىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى مەبلىغى سېلىنمىسىنى ئاۋۋال ئاشۇرۇپ، چوڭ-چوڭ قۇرۇلۇشلار، نامراتلارنى يۆلەش تۈرلۈك سىياسەت-تەدبىرلىرىنى ئېغىر نامرات رايونلارغا مايىللاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى نىشانلاپ، تىزىملىك تۇرغۇزۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھېسابنى سېلىشتۇرۇپ نومۇر ئۆچۈرۈش لازىم.

  «ئىككىدىن غەم قىلماسلىق، ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش» − نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى بېكىتىلگەن ئۆلچەم بولۇپ، قىلچە مۇرەسسە قىلىشقا بولمايدۇ. مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە، «ئىككىدىن غەم قىلماسلىق، ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ھەل قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەمدە قاراتمىلىق ھالدا مۇنۇلار ئورۇنلاشتۇرۇلدى: نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەشتىكى قوشۇمچە تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ، بىر ئائىلىنى كۆچۈرسە، بىر ئائىلىنى نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، نامرات رايونلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئوقۇشتىن قېلىشنى تىزگىنلەپ، ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، نامرات ئاھالىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

  مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، ئاجىز ھالقىلار نىشانلىنىپ «رېتسېپ» يېزىلدى. كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مەسىلىسىگە قارىتا مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويۇلدى: نامراتلارنى يۆلەشتىكى ئۇزاق ئۈنۈملۈك كەسىپلەرنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىش ئايرىۋېتىلىش، خەۋپ-خەتەر كاپالىتى يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، نامرات ئاھالىنىڭ قاتنىشىش نىسبىتى ۋە بىۋاسىتە مەنپەئەتلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش لازىم. بىر قىسىم نامرات ئاممىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، تەرەققىيات ئىقتىدارى يېتەرسىز بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، نامراتلارنى يۆلەش بىلەن نامراتلارنى ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، نامرات رايونلاردىكى كەسپىي مائارىپ ۋە ماھارەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات ئارقىلىق يۆلەش بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ يۆلەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر