باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ يىل ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە، يېزىلارغا 8دىن 10غىچە كىنوخانا قۇرىلىدىكەن

2019.02.19 15:49         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تىيانشان تورى تورى خەۋىرى: 2-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق كىنو شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل بۇ شىركەت ئۈرۈمچىدىن باشقا ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە، يېزى-بازارلارغا 8دىن 10غىچە كىنوخانا قۇرىدىكەن. ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق كىنو شىركىتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ (ئۈرۈمچىدىن باشقا) پۈتۈن جايلىرىدا يۈزگە يېقىن كىنوخانىنى پۈتتۈرۈپ ئىشقا كىرىشتۈرگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا-كەنت بازارلىرىغا قارايدىغان ناھىيە دەرىجىلىك كىنوخانىدىن 27سى بار ئىكەن. بۇلار ئايرىم-ئايرىم يېڭىشەھەر، قاغىلىق، مارالبېشى، يەكەن، توقسۇ، ئونسۇ، كۇچا، شايار، دۆربىلىجىن، پىچان، جېمىنەي، جىڭ ناھىيەلىرىدە ئىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق كىنو شىركىتىنىڭ كىنوخانا پونكىتى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ خادىمى مايۇڭ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىن، تېخىمۇ كۆپ دېھقان-چارۋىچىلار كۆچمە كىنو قويۇش ئەترىتىگە قاراپ قالمايدۇ، بەلكى ئۇلار كىنوخانىغا بېرىپ مەدەنىيەت كۆڭۈل ئېچىش تۇرمۇشىدىن نورمال بەھرىمەن بولالايدۇ».


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر