باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«دۆلەت سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات ئىستراتېگىيە پىلانى (2022-2018) » ئېلان قىلىندى

2022-يىلىغا بارغاندا، سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات سىستېما رامكىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلىدۇ

2019.02.22 16:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، دۆلەت ئاشلىق ۋە زاپاس ماددىي ئەشيا ئىدارىسى قاتارلىقلار بىرلىكتە «دۆلەت سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات ئىستراتېگىيە پىلانى (2022-2018)»نى بېسىپ تارقىتىپ، سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنىڭ تەرەققىيات نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  يېشىل يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىگىلىكىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلىش، داڭلىق ماركا يارىتىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش، «پىلان»دا يەنە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2022-يىلىغا بارغاندا، سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات سىستېمىسى رامكىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلىپ، مەھسۇلات سۈپىتى يۇقىرى بولۇش، كەسىپ پايدىسى يۇقىرى بولۇش، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى ياخشى بولۇش، ئىگىلىك باشقۇرغۇچىلارنىڭ ساپاسى يۇقىرى بولۇش، خەلقئارا رىقابەت كۈچى يۇقىرى بولۇش تۇنجى قەدەمدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشىدۇ. 2035-يىلىغا بارغاندا، سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات تۈزۈلمىسى بارغانسىرى مۇكەممەللىشىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىسىتېمىسى، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى، ئىگىلىك باشقۇرۇش سىستېمىسى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپەت ئۈنۈمى ۋە رىقابەت كۈچى زور مىقداردا ئېشىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ھەل قىلغۇچ تەرەققىياتقا ئېرىشىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر