باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ۋەكىلى يەمەندىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئىزچىل ئۈنۈملۈك سىياسىي سۆزلىشىشى ۋە سۆھبەتلىشىشىنى مۇراجىئەت قىلدى

2019.02.22 08:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ما جاۋشۈ 2-ئاينىڭ 19-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەلقئارا جەمئىيەت يەمەندىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئىزچىل ئۈنۈملۈك سىياسىي سۆزلىشىشى ۋە سۆھبەتلىشىشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يەمەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  ما جاۋشۈ خەۋپسىزلىك كېڭىشى شۇ كۈنى ئۆتكۈزگەن يەمەن مەسىلىسى بويىچە ئاشكارە يىغىندا مۇنداق دېدى: يەمەندىكى ھەر قايسى تەرەپلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەمەن مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى گىرىفېس ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خۇدەيداھ كېلىشىمىگە ياردەم بېرىشكە ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ رەئىسى لولېسگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك. قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، سىياسىي ئارزۇسىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو گىرىفېسنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تېزدىن يېڭى بىر نۆۋەتلىك تىنچلىق سۆھبىتىنى باشلاپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇدىغان ھەل قىلىش لايىھەسىنى بالدۇرراق ھاسىل قىلىپ، يەمەننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە نورمال تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر