باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى: قىسمەن ئالاھىدە چوڭ شەھەرلەردىن باشقا شەھەرلەرنىڭ نوپۇسقا ئالدۇرۇش چەكلىمىسى كەڭ قويۇپ بېرىلىدۇ

2019.02.22 14:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا، زامانىۋى مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكى يېتىشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر(«تۆۋەندە قىسقارتىلىپ <پىكىر> دېيىلدى»)نى ئېلان قىلغان. «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان: قىسمەن ئالاھىدە چوڭ شەھەرلەردىن باشقا شەھەرلەرنىڭ نوپۇسقا ئالدۇرۇش چەكلىمىسىنى كەڭ قويۇۋېتىپ، شارائىت ھازىرلىغان مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكىدە نوپۇس ئىجازىتى مۇددىتى بىلەن شەھەرلەردە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش جەملىمە نومۇرىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشنى ئالدىن يولغا قويۇپ، شەھەر-يېزا ئارىسىدىكى نوپۇس توسۇقىنى يوقىتىشنى تېزلىتىپ، يەرلىك نوپۇس بىلەن باشقا جايدىن كەلگەن نوپۇسلارنىڭ شەھەر ئاھالىسىگە ئايلىنىشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، نوپۇسنىڭ تەرتىپلىك يۆتكىلىشى، مۇۋاپىق ئورۇنلىشىشى ۋە ئىجتىمائىي قوشۇلۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئادەم كۈچى بايلىقى ئۇچۇرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش، ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت سۇپىسىنى ئورتاق قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر