سۈرەتتە: شۇ يەر ۋاقتى 22-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ پەۋقۇلئاددە ئەلچىسى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، جۇڭگو- ئامېرىكا ئومۇميۈزلۈك ئىقتىساد سۆھبىتىنىڭ جۇڭگو تەرەپ باشلىقى ليۇ خې بىلەن ئامېرىكا سودا ۋەكىلى لايتىزېر (ئوڭدا)، مالىيە مىنىستىرى مىنۇچىن (سولدا) ئامېرىكا ئاق سارايدىكى ئېزىنخاۋېر مەمۇرىي ئىشخانا بىناسىدا 7-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر كېڭىشىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ يەر ۋاقتى 22-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ پەۋقۇلئاددە ئەلچىسى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، جۇڭگو- ئامېرىكا ئومۇميۈزلۈك ئىقتىساد سۆھبىتىنىڭ جۇڭگو تەرەپ باشلىقى ليۇ خې بىلەن ئامېرىكا سودا ۋەكىلى لايتىزېر، مالىيە مىنىستىرى مىنۇچىن ئامېرىكا ئاق سارايدىكى ئېزىنخاۋېر مەمۇرىي ئىشخانا بىناسىدا 7-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر كېڭىشىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلدى. بۇ نۆۋەتلىك يۇقىرى دەرىجىلىكلەر كېڭىشى 2-ئاينىڭ 21- ۋە 22-كۈنلىرى ۋاشىنگىتوندا ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئىككى تەرەپ 2-ئاينىڭ 19- كۈنى خىزمەت قاتلىمىنىڭ كېڭىشىنى باشلىدى.
ئىككى تەرەپتىن ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ئاساسلىق كىشىلەر تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى يى گاڭ، جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۈي تيەنكەي، مەركەز مالىيە- سودا ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لياۋ مىن، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جېڭ زېگۇاڭ، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى خەن جۈن، سودا مىنىستىرىلىقىنىڭ مۇئاۋىن منىستىرى، قوشۇمچە خەلقئارا سودا سۆھبىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋەكىلى ۋاڭ شوۋۋېن، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى سوڭ لياڭ؛ ئامېرىكا سودا مىنىستىرى روس، ئاقساراي دۆلەت ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرى كۇدلوۋ، زۇڭتۇڭنىڭ سودا ۋە ياسىمىچىلىق سىياسىتى ياردەمچىسى، ئاقساراي دۆلەت سودا كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ناۋاررو، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى برانستاد، مۇئاۋىن سودا ۋەكىلى گەررىش، مۇئاۋىن سودا مىنىستىرى كاپلان، سودا ۋەكىلى ئىشخانىسىنىڭ باش يېزا ئىگىلىك سۆھبەت ۋەكىلى دود، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى مەكىننېي قاتارلىقلار.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى