باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق تورىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدىكى 2019- يىللىق «ئىككى يىغىن قىزىق نۇقتىلىرىنى تەكشۈرۈش» سەھىپىسى تورغا چىقىرىلدى

2019.02.22 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق تورىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدىكى 2019- يىللىق «ئىككى يىغىن قىزىق نۇقتىلىرىنى تەكشۈرۈش» سەھىپىسى بۈگۈن تورغا چىقىرىلدى. بۇ، خەلق تورى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدىكى نۇسخىسى بۇ خىل تەكشۈرۈشنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇشى بولۇپ، بۇنىڭدا، تەكشۈرۈش جامائەت كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇرغۇن قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا قانات يايدۇرۇلدى.

  ئىلگىرى مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» ھارپىسىدا، خەلق تورى تەكشۈرۈش ئارقىلىق تورداشلارنىڭ بېلەت تاشلاپ چارە-تەدبىرلەرنى كۆرسىتىشنى تەكلىپ قىلاتتى، ھازىر بۇ خىل تەكشۈرۈشكە كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسى يىلمۇيىل ئاشماقتا. خەلق تورى بۇ يىل ئوتتۇرىغا چىقارغان «ئىككى يىغىن قىزىق نۇقتىلىرىنى تەكشۈرۈش» خەلق تورىنىڭ موڭغۇلچە، زاڭزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، چاۋشيەنچە بەش خىل ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىدىكى تەكشۈرۈش مەزمۇنلىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇنىڭدا، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى پۇقرالار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە دائىر سوئاللار بۇ تەكشۈرۈشنىڭ مەزمۇنلىرىنى تەشكىل قىلدى.

  بۇنىڭدىكى سوئاللار ئىجتىمائىي كاپالەت، ئىستىلنى توغرىلاش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، ساغلام جۇڭگو، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئاپپارات ئىسلاھاتى، ئالاقە تورى + ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى، مائارىپ ئىسلاھاتى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، كىرىم تەقسىماتى، تۇرالغۇ جاي تۈزۈمى، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى يۈكسەلدۈرۈش، مەدەنىيەت ئىشەنچىسى ۋە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى قاتارلىق قىزىق نۇقتىلارنى چۆرىدىگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا يېڭى دەۋرنىڭ چوڭ-چوڭ قارالمىلىرى ئاساسىي مەزمۇن قىلىندى.

  بۈگۈندىن ئېتىبارەن، تورداشلار تەكشۈرۈش تور بېتىگە كىرىپ، كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە بېلەت تاشلىسا بولىدۇ. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش كومپيۇتېر تېرمىنالى ئارقىلىق تورغا چىقىرىلىدۇ، تورداشلار تۆۋەنتىكى تور بەتلىرىگە كىرىپ بېلەت تاشلىسا بولىدۇ.

  كىرىش ئادرېسى: خەلق تورىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدىكى 2019- يىللىق ئىككى يىغىن قىزىق نۇقتىلىرىنى تەكشۈرۈش

  موڭغۇلچە: http://mongol.people.com.cn/306994/307015/311503/311517/index.html

  زاڭزۇچە: http://tibet.people.com.cn/311501/311502/index.html

  ئۇيغۇرچە: http://uyghur.people.com.cn/311477/311515/index.html

  قازاقچە: http://kazakh.people.com.cn/157404/311508/index.html

  چاۋشيەنچە: http://korean.people.com.cn/73554/311516/index.html


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر