باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى تاراتقۇلار ئالماشتۇرۇش يىلى پائالىيىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2019.02.21 13:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2019- يىللىق جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى تاراتقۇلار ئالماشتۇرۇش يىلى پائالىيىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاغ-دەريالىرى ئۆزئارا تۇتاشقان، ھەمدە ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى ۋە دوستلۇق ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ئىستىراتېگىيىلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، ئادمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، رايون مۇقىملىقىنى قوغدىدى. جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشتەك يېڭى باسقۇچقا كىردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر