باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى بېيجىڭ تۇڭرېنتاڭ ئېرىشكەن «جۇڭگو سۈپەت مۇكاپات» نامىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى

2019.02.20 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى بەنگۇڭتىڭى جۇڭگو بېيجىڭ تۇڭرېنتاڭ (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئېرىشكەن «جۇڭگو سۈپەت مۇكاپات» نامىنى بىكار قىلىش توغرىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغان.

  بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسى، جۇڭگو بېيجىڭ تۇڭرېنتاڭ (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى:

  يېقىندا، جۇڭگو بېيجىڭ تۇڭرېنتاڭ (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قارىمىقىدىكى بېيجىڭ تۇڭرېنتاڭ ھەرە كەسپىي چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ تاۋار ماركىسىنى ئالماشتۇرۇپ ساختا تاۋار ماركىسى ئىشلىتىش ۋە يىغىۋالغان ھەسەلنى خام ئەشيا قىلىپ ھەسەل ئىشلەپچىقىرىش قىلمىشىغا قارىتا مەمۇرىي جازا بېرىلدى. «جۇڭگو سۈپەت مۇكاپاتىنى باشقۇرۇش چارىسى» (ئەسلىدىكى سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسىنىڭ 167-نومۇرلۇق)نىڭ 32 –ماددىسىدىكى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تەشكىلات ۋە شەخسلەر ئىككى يىل ئىچىدە، چوڭ سۈپەت ۋە بىخەتەرلىك ھادىسىسى، قانۇنغا، بەلگىلىمىگە خىلاپ ۋە ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلىرى يۈز بەرسە، مۇكاپات بىكار قىلىنىدۇ ھەمدە ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ، دېگەن بەلگىلىمىگە ئاساسەن، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىشىچە، نۆۋەتتە، جۇڭگو بېيجىڭ تۇڭرېنتاڭ (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئېرىشكەن «جۇڭگو سۈپەت مۇكاپات» نامى بىكار قىلىنغان، گۇۋاھنامىسى ۋە لوڭقىسى قايتۇرۇۋېلىنغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر