- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مادۇرو ئارمىيەدىن ئارمىيەنىڭ چېگرا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەڭشەش ئالاھىدە پىلانىنى دەرھال تۈزۈشنى تەلەپ قىلدى
2019.02.20 16:24 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ۋېنېزۇئېلا زۇڭتۇڭى مادۇرو 2-ئاينىڭ 15-كۈنى سۆز قىلىپ قىلىپ، ۋېنېزۇئېلانىڭ چېگرا بىخەتەرلىكى ۋە تىنچلىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئارمىيەدىن ئارمىيەنىڭ چېگرا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەڭشەش ئالاھىدە پىلانىنى دەرھال تۈزۈشنى بولۇپمۇ، غەربىي رايون ۋە ئاندېس رايونىنىڭ كولۇمبىيە بىلەن بولغان چېگرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى.
مادۇرو شۈ كۈنى ئاياقلاشقان ھەربىي مانىۋېردىن كېيىن سۆز قىلىپ يۇقارقىلارنى بىلدۈردى. مادۇرو يەنە مۇنداق دېدى: ۋېنېزۇئېلا ئامېرىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەھدىد سېلىشىغا قارىتا، ئىگىلىك ھوقۇق پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغدايدۇ، زۆرۈر تېپىلسا، ھاياتى بەدەل تۆلەشتىن ئايانمايدۇ.
ۋېنېزۇئېلا 2-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە كەڭ كۆلەمدە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى، بۇ ھاۋا مۇداپىئە، باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش مانېۋىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مانېۋىردا رۇسىيەدە ئىشلەنگەن قورال-ياراقلار ئىشلىتىلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر