باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«كەسىپنى قەدىرلەش بەخت كارتىسى»نى مۇشۇنداق كىشىلەرگە بېرىش كېرەك

2019.02.19 15:51         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالدىنقى مەزگىلدە، بىر پارچە «كەسىپنى ئەڭ قەدىرلەشتىكى چىراي ئۆزگەرتىش» دېگەن خەۋەر كۆپ چېكىلدى. 1-ئاينىڭ 25-كۈنى، گۇيجوۋ بىجيېدىكى بىر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئايال پۇل يىغقۇچى ئاپتوموبىل يولىنى تازىلاپ، كاشىلا كۆرۈلگەن ئاپتوموبىلنى يۆتكەشكە ياردەملىشىۋاتقاندا، كەينىدە ئۆچرەت ساقلاۋاتقان شوپۇر ئەھۋالنى بىلمەي، ئۇنى ھەرىكىتى ئاستا، دەپ تىللىغان. خىزمەت قىلغىنىغا ئۇزاق بولمىغان پۇل يىغقۇچى تىل ئاڭلاپ يىغلاپ كەتكەن، ئەمما ئۇ تېزلا يېشىنى سۈرتۈۋېتىپ، نەچچە سېكۇنت ئىچىدە «چىراي ئۆزگەرتىپ»، كۈلۈمسىرەپ يەنە بىر ئاپتوموبىل ئىگىسىگە يۈزلەنگەن.

  كۆرۈپ بۇ يەرگە كەلگەندە، تورداشلار ئىختىيارسىز خۇرسىنغان ھالدا مۇنداق دېدى: «كەسىپنى قەدىرلەش بەخت كارتىسى»نى مۇشۇ پۇل يىغقۇچىغا بېرىش كېرەك. ئەمدىلا 19 ياشقا كىرگەن بۇ قىزنىڭ جىسمىدىن بىز كەسىپنى قەدىرلەيدىغان كىشىلەرنىڭ ھەمىشە ئاددىي خىزمەت ئورنىدىمۇ ئەڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نۇر چاقنىتالايدىغانلىقىنى كۆردۇق.

  «مۇھاكىمە ۋە بايان»دا مۇنداق دېيىلگەن: «ئۆز خىزمىتىنى ياخشى قىلىش» «ئۆز خىزمىتىنى قەدىرلەش» «ئۆزىنى ئېھتىيات بىلەن تەربىيەلەپ، خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن تېخىمۇ ياخشى چىقىش» «ئىشنى ئەستايىدىل قىلىپ، ھەق ئالىدىغان ئىشنى كېيىنگە قويۇش». خىزمەت سورۇنىدا، «قەدىرلەش» ئالدى بىلەن، سوغۇق مۇئامىلىدە بولماسلىق، ھاكاۋۇرلۇق قىلماسلىقتا، ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان كەسىپكە ھېيىقىش پوزىتسىيەسى تۇتۇشتا ئىپادىلىنىدۇ. ئىككىنچىدىن، «قەدىرلەش» مۇلازىمەت ئوبيېكتىنى ھۆرمەتلەش ۋە كەڭ قورساق بولۇشتا ئىپادىلىنىدۇ، كەمتەر ۋە خۇش پېئىل، مىننەتدارلىقنى بىلىدىغان قەلب بىلەن ئادەم بولۇش، ئىش قىلىش ئارقىلىق جەزمەن كەسىپكە كۆڭۈل قويۇش، كەسىپكە بېرىلىش ۋە كەسىپنى بىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  كەسىپنى قەدىرلىگۈچىلەر «كەسىپنى قەدىرلەش» دېگەن سۆزنى كۈندە ئېغىزىغا ئېلىپ يۈرمەيدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئەستايىدىل خىزمەت قىلىش تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن. ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشقا كىرىشىش ھالىتى، ئەستايىدىل مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى ئارقىلىق خىزمەتكە پۇختىلىق بىلەن كىرىشىشىمىز كېرەك، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، بىز بۇنىڭدىن كەسىپ ئېلىپ كەلگەن قانائەتلىنىش تۇيغۇسى ۋە مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىنى ھېس قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، بىر خىل ئۆزگىچە ئىنسانىي سېھرىي كۈچ ۋە ئىچكى تەربىيەلىنىشنى ئۆزىمىزگە مۇجەسسەملەپ، كىشىلىك ھاياتىمىزنى تېخىمۇ قويۇق رەڭدارلىققا ئىگە قىلالايمىز. («سۆز ھەممىگە» سەھىپىسىگە ماقالە ئەۋەتىش ئېلخەت ئادرېسى: xjrbplb@126.com)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر