سۈرەتتە: 2-ئاينىڭ 16-كۈنى، گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا، جۇڭگولۇق ئارتىس ۋاڭ جىڭچۈن (سولدا) ۋە يۇڭمېي مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدىن كېيىن سۈرەتكە چۈشتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 69-نۆۋەتلىك بېرلىن خەلقئارا كىنو بايرىمىنىڭ ئاساسىي بۆلىكىدىكى ھەر قايسى مۇكاپاتلار شۇ يەر ۋاقتى 16-فېۋرال كەچتە گېرمانىيەنىڭ بېرلىن كىنو سارىيىدا ئېلان قىلىندى. جۇڭگونىڭ «مەڭگۈلۈك» ناملىق كىنودىكى ئىككى باش رولچى قالتىس رول ئېلىش ماھارىتى بىلەن ئەڭ ياخشى ئەر، ئايال ئارتىس كۈمۈش ئېيىق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئەڭ ياخشى كىنو ئالتۇن ئىيىق مۇكاپاتى كۆپ دۆلەت بىرلىشىپ سۈرەتكە ئالغان «مەنىداش سۆزلەر» ناملىق كىنوغا بېرىلدى.
بېرلىن كىنو بايرىمى فىرانسىيە كاننېس كىنو بايرىمى، ئىتالىيە ۋېنىتسىيە كىنو بايرىمى بىلەن بىرلىكتە ياۋروپادىكى ئۈچ چوڭ كىنو بايرىمى دەپ ئاتىلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى