باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

646 تۈرلۈك دۆلەتلىك ئۆلچەم ئېلان قىلىندى

ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئاپپاراتى تۆۋەن دەرىجىدىن يۇقىرى دەرىجىگە قاراپ بەش دەرىجىگە ئايرىلىدۇ

2019.02.19 14:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، دۆلەت ئۆلچەملەشتۈرۈش باشقۇرۇش كومىتېتى 18- چېسلا 646 تۈرلۈك دۆلەتلىك ئۆلچەمنى ئېلان قىلىشنى تەستىقلىدى. بۇ ئۆلچەملەر، يول تىرانسپورتى، سىجىل تەرەققىيات، دېڭىز-ئوكيان ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئۇچۇرلىشىش بىلەن سانائەتلىشىش يۇغۇرما تەرەققىياتى ۋە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ.

  ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ساھەسىدە، «ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئايرىش ۋە باھالاش»تىكى دۆلەتلىك ئۆلچەمنى ئېلان قىلىش تەستىقلاندى. بۇ قېتىمقى دۆلەت ئۆلچىمىدە، ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئىشلىرى ئاپپاراتلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئايرىش ۋە باھالاش ئۈچۈن 102 تۈرلۈق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭدا، ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئىشلىرى ئاپپاراتلىرى تۆۋەن دەرىجىدىن يۇقىرى دەرىجىگە قاراپ بەش دەرىجىگە ئايرىلغان بولۇپ، دەرىجە سانى قانچە يۇقىرى بولسا، ئۇنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارى شۇنچە كۈچلۈك بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

  يول قاتناش ساھەسىدە، «يول قاتناش بەلگىسى ۋە بەلگە سىزىقىغا ئائىت سەككىزىنچى بۆلەك: مەكتەپ رايونى»نىڭ مەجبۇرىي خاراكتېرلىك دۆلەت ئۆلچىمى ئېلان قىلىندى. بۇنىڭدا، مەكتەپ رايونىدىكى بەلگە ئۆلچىمى چوڭـايـتـىـلىپ، بەلگە نۇر قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىنى كۈچەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ھەمدە سۈرئەت چەكلىمىسى ۋە ئاپتوموبىل توختىتىشنى باشقۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى نۇقتىدىن چىقىپ، مەكتەپ رايۇنىنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكى جەھەتتىكى خەۋپ-خەتەرلەر تۆۋەنلىتىلدى.

  ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ساھەسىدە، «توكلۇق ئاپتوموبىللارنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىيات نىسبىتى جەھەتتىكى چەك قىممىتى»نىڭ دۆلەت ئۆلچىمىنى ئېلان قىلىش تەستىقلاندى. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە، دۇنيا بويىچە تۇنجى ساپ توكلۇق ئاپتوموبىلنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى كۆرسەتكۈچىنى تەلەپ قىلغان تېخنىكىلىق ئۆلچەم ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر