باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پاپۇئا يېڭى گۋىنېيەسىدە 6.4 بال يەر تەۋرىدى

2019.02.18 16:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى يەر تەۋرەش ئۇچۇرلىرى تورىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، پاپۇئا يېڭى گۋىنېيەسىنىڭ ناماتاناي ئەتراپىدا 17- فېۋرال 6.4 بال يەر تەۋرىگەن. ھازىرغا قەدەر ئۆلۈش-يارىلىنىش ۋە مال- مۈلۈكنىڭ زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالى مەلۇم قىلىنمىغان.

  ئۇچۇرغا قارىغاندا، يەر تەۋرەش گرېنۋىچ ۋاقتى 17-فېۋرال سائەت 14دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە (بېيجىڭ ۋاقتى 17- فېۋرال سائەت 22دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە) يۈز بەرگەن، يەر تەۋرەش مەركىزى جەنۇبىي كەڭلىك 3.3852 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 152.1089 گىرادۇستا يۈز بەرگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 367.93 كىلومېتىر كېلىدىكەن.

  تىنچ ئوكيان دېڭىز تاشقىنىدىن سىگنال بېرىش مەركىزى دېڭىز تاشقىنى سىگنالى ئېلان قىلمىدى.

  پاپۇئا يېڭى گۋىنېيەسى قۇرۇقلۇق بۆلىكىنىڭ چېگرىسىدا بولۇپ، تىنچ ئوكياننى چۆرىدىگەن يانارتاغ بەلبېغىغا جايلاشقان، يەر تەۋرەش كۆپ يۈز بېرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر