باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ۋە پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلارنىڭ چارە-تەدبىر كۆرسىتىش ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى

يوۋ چۈەن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

2019.02.19 14:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2- ئاينىڭ 18- كۈنى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى بېيجىڭدا پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ۋە پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلارنىڭ چارە-تەدبىر كۆرسىتىش ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يوۋ چۈەن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

  پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ۋە پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلار ۋەكىللىرىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، يۇۋ چۈەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار بولسا، ئېلىمىزنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر مۇھىم كۈچتۇر، پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلار بولسا، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم ئىختىساسلىقلار ئامبىرى ۋە ئاقىللار كېڭىشىدۇر. پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ۋە پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلارنىڭ چارە-تەدبىر كۆرسىتىشى بولسا، ئۇزاقتىن بېرى شەكىللەنگەن ئېسىل ئەنئەنە بولۇپ، ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە خاراكتېرىدىكى سىياسىي تۈزۈمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ھەمدە يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئوبيېكتىپ ئېھتىياجىدۇر.ئۇ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىلمىي ۋە دېموكراتىك ھالدا تەدبىر كۆرۈشىدە ئۆزىنىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇردى.

  يۇۋ چۈەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى دەۋردىكى مۈشكۈل ۋە ئېغىر بولىۋاتقان ئىسلاھاتنىڭ تەرەققىيات ۋەزىپىسى ئالدىدا، پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ۋە پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ،«تۆت ئىشەنچ»تە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككى قوغداش»نى ئوبدان قىلىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش يۆنىلىشى ۋە مۇھىم نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر