باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ترامپ 5-ئاينىڭ ئاخىرلىرى ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇشى مۇمكىن

6-ئايدا يەنە بىر قېتىم ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇشى مۇمكىن

2019.02.19 15:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياپونىيە ھاكىمىيىتىدىكى نۇرغۇن زاتلارنىڭ 18-فېۋرال دەلىللىشىچە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 5-ئاينىڭ 26- كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئەگەر سەپىرى ئوڭۇشلۇق بولسا، ترامپ ياپونىيە يېڭى پادىشاھى تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم قوبۇل قىلغان چەت ئەل رەھبىرى بولۇپ قالىدىكەن.

  ياپونىيە پادىشاھى ئاكىھىتو 4- ئاينىڭ 30-كۈنى تەختتىن چۈشىدۇ، شاھزادە نارۇھىتو 5-ئاينىڭ 1-كۈنى تەختكە ۋارىسلىق قىلىدۇ. ھۆكۈمەتتىكى بىر كىشى كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا: «ئامېرىكا ياپونىيەگە نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم دۆلەت. ترامپنىڭ يېڭى پادىشاھ تۇنجى قېتىم كۆرۈشىدىغان نامزات بولۇپ بېكىتىلىشى ئەڭ مۇۋاپىق بولدى»، دېدى. زىيارەتنىڭ كونكرېت ۋاقتى بېكىتىلمىدى، ئىككى تەرەپ ماسلاشتۇرماقتا.

  كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ياپونىيە تەرەپنىڭ ترامپنى يېڭى پادىشاھ تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم قوبۇل قىلىدىغان چەت ئەل رەھبىرى قىلىپ تاللىشى خەلقئارا جەمئىيەتكە ياپونىيە-ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مۇستەھكەملىكىنى نامايان قىلىش مەقسەت قىلىنغان ئىكەن. زىيارەت مەزگىلىدە، ترامپ ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو بىلەن ئۇچرىشىپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش قاتارلىق قارالمىلارنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن، ئىككىسى بىللە گولف توپ ئوينىشى مۇمكىن ئىكەن.

  ئوساكادا 6-ئايدا 20 دۆلەت گۇرۇھى (G20) باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ چاغدا ترامپ يەنە بىر قېتىم ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇشى مۇمكىن. كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ياپونىيەدە ئىككى قېتىم زىيارەتتە بولۇشى ئادەتتىكىچە ئەمەس ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر