خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2019- يىللىق شىمالىي ئامېرىكا خەلقئارا ئويۇنچۇق كۆرگەزمىسىدە، بىر كۆرگەزمە سۇپىسىغا تىزىپ قويۇلغان رەڭدار ئويۇنچۇقلار ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى جەلپ قىلدى.
شۇ كۈنى، تۆت كۈن داۋاملىشىدىغان 2019-يىللىق شىمالىي ئامېرىكا خەلقئارا ئويۇنچۇق كۆرگەزمىسى نيۇ يوركتا ئۆتكۈزۈلدى. 100دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 1000دىن ئارتۇق كۆرگەزمە سودىگىرى كۆرگەزمىدە ئويۇنچۇق، ئويۇن قاتارلىق تۈرلۈك كۆڭۈل ئېچىش مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى