باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىسى

ئېكولوگىيەنى قوغداشتا قۇرۇق شوئار توۋلاش، ھەرىكىتى ئاز بولۇش مەسىلىسى قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ

2019.02.18 16:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سىستېمىسى بۇ يىل مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈزەشتەك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش خىزمىتىدىكى ئىپادە بىلدۈرۈپ قۇرۇق شوئار توۋلاش، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئاز بولۇش، ھەتتا ئالدىدا بىر خىل سۆزلەپ، كەينىدە يەنە بىر خىل قىلىش، بۇيرۇق بولسىمۇ ئىجرا قىلماسلىق، چەكلەنگەننى توختاتماسلىقتەك شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ساختا تۈزەش، يۈزەكى تۈزەش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سىستېمىسى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پائال ئىلگىرىلەشلەرنى ۋە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئەمما قائىدىگە، ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرى كۆرۈلۈۋاتىدۇ.

  يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان 25 مەسىلىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 12 قېتىملىقى بولسا بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرى ۋە خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرىنىڭ زىياپەتلىرىنى قۇبۇل قىلغان بولۇپ، «ھۆكۈمەت پۇلىغا يېيىش»تىن «غوجايىنلارنىڭكىنى يېيىش»كە ئۆزگەرگەن، ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلار تېخىمۇ يوشۇرۇن بولغان. 2018-يىلى، مەملىكەت بويىچە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى جەمئىي چارە كۆرگەن مۇھىت ئاسراش تارماقلىرىنىڭ خىزمەتچىلىرى 4561 بولۇپ، 2017- يىلىدىكىدىن %2.5 ئۆرلىگەن. ئۇندىن باشقا، جۇڭگو مۇھىت ئىلمىي تەتقىقات ئورنىنىڭ سابىق باشلىقى مېڭ ۋېينىڭ ئىنتىزامغا-قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش دېلوسىنىڭ ساۋىقىنى ئەستايىدىل قوبۇل قىلىش ئۈچۈن، بۇ سىستېما يەنە بۇلتۇر 7-ئايدىن 12-ئايغىچە «دېلونى ئۆرنەك قىلىپ، ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش» مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، نەچچە ئون پارتىيەلىك كادىر تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، ئىنتىزامغا خىلاپ ئېرىشكەن تاپاۋىتىنى يۇقىرىغا تاپشۇرۇپ، خاتالىقىنى تونۇپ، توۋا قىلىپ، خاتالىقنى تۈزەتتى.

  تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، يېقىندا ئېچىلغان مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سىستېمىسىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش خىزمىتى سىن يىغىنىدا، يەنە بۇ سىستېمىنىڭ ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىش ۋە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى «ئارقىغا قاراش» جەريانىدا بايقالغان پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش قاتتىق بولماسلىق، راستچىل بولماسلىق مەسىلىلىرى ئاشكارىلاندى. مەسىلەن، بەزى ئورۇنلار خىزمەتتە ئەپلەپ-سەپلەپ ئىش قىلغان، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان پارتىيەلىك كادىرلار تاپشۇرغان ئۆزىنى تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىدا ئېغىر كۆچۈرۈش كۆرۈلگەن، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ ئۆتكەلنى ئىگىلىمەي، «ئىككىنچى يەتكۈزگۈچى» بولۇپ يۇقىرىغا يوللىغان؛ بەزى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئايرىم پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تىزىملىكتە نەچچە يىلغىچە «كاندىدات پارتىيە ئەزاسى» دەپ يېزىلىش ئەھۋاللىرى كۆزگە چېلىقىپ تۇرسىمۇ كارى بولمىغان؛ بەزى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى شەكىلگە ئايلىنىپ، ئادەم يوق، ئىش يوق، ئىدىيە يوق بولۇپ قالغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر