باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئارزۇغا ئىنتىلىش، ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش دەۋر ساداسىنى ئورتاق ياڭرىتىش

2019.02.18 16:50         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  − ئاپتونوم رايوننىڭ «بىزنىڭ جۇڭگو ئارزۇيىمىز» مەدەنىيەتنى تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش پائالىيىتىدىن ئومۇمىي بايان

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ فاڭ

  چۈنليەن، دېرىزە قىيىق گۈلى، جۇڭگو تۈگۈچى، ناخشا-ئۇسسۇل، ئېتۇت، جېزىشى تىياتىرى، كىتاب، كىنو، مۇزىكا كېچىلىكى... يېڭى يىل، چاغان مەزگىلىدە، «بىزنىڭ جۇڭگو ئارزۇيىمىز» مەدەنىيەتنى تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش پائالىيىتى تىيانشاننىڭ جەنۇبى، شىمالىدا قىزغىن قانات يايدۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارى قىلدۇردى، بىر- بىرىدىن سەرخىل مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقاسى جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلدى، ھەر مىللەت ئامما قىزغىن قاتنىىشپ، مەدەنىيەت ئېلىپ كەلگەن ئىللىقلىق ۋە كۈچ ئىچىدە، ئارزۇغا ئىنتىلىش، ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش دەۋر ساداسىنى ئورتاق ياڭراتتى.

  ■ئەنئەنىۋى چاغانلىق ئۆرپ- ئادەت پائالىيەتلىرى جۇڭگو يىلىنى چىرايلىق بېزىدى

  چاغان مەزگىلىدە، بارغانسېرى كۆپ كىشى مۇزېي، كۇتۇپخانىلارغا كىرىپ، تارىخقا نەزەر سېلىپ، ئەنئەنىنى ئەسلەپ، قويۇق «مەدەنىيەت پۇرىقى»نى ھېس قىلدى. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مۇزېي قەغەز قىيما، چاغانلىق رەسىم، لاي ھەيكەل ۋە قول ھۈنەر كەشتىچىلىكى قاتارلىق چاغانلىق ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى، چاغان مەزگىلىدە كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1500 ئادەم قېتىم مېھمان كۈتۈۋالدى. چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنىدىن باشلاپ چاغاننىڭ 6- كۈنىگىچە، ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلار 11 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %60 ئاشتى.

  1-ئاينىڭ 28-كۈنى، «شىنجاڭ ياخشى جاي − 6-نۆۋەتلىك تىيانشاننىڭ جەنۇبى، شىمالىدا چاغاننى تەبرىكلەش غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى چاغانلىق ئۆرپ- ئادەت كۆرگەزمىسى» ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خۇڭسەن باغچىسىدا باشلاندى، ئالتاي، قەشقەر، قومۇل قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرمۇ بىرلا ۋاقىتتا «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، خۇشال چاغاننى ئورتاق ئۆتكۈزۈش» باش تېمىسىدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى چاغانلىق ئۆرپ- ئادەت كۆرگەزمىسى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى. باشلىنىش مۇراسىمىدىن باشلاپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى، شىمالىدا كارامىتىنى كۆرسىتىۋاتقان 115 ئەترەت 281 تۈرلۈك ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ۋە ھېس قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، بۇ پائالىيەتلەر قەغەز قىيما، كەشتىچىلىك، چاغانلىق رەسىم، جىڭجۈ تىياتىرى، چىنچياڭ تىياتىرى، شېخو كوچا ئويۇنى، نازۇ نېمەت، خوراز سوقۇشتۇرۇش، ئوغلاق تارتىشىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ■«قىزىل ئەدەبىيات-سەنئەت يېنىك ئاتلىق ئەسكىرى» يولدا

  2-ئاينىڭ 4-كۈنى سەھەردىلا، قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى «قىزىل ئەدەبىيات- سەنئەت يېنىك ئاتلىق ئەسكىرى» ئۇلانمۇچىر جۇڭگو- قازاقىستان چېگراسىغا جايلاشقان تېبكىن ئۇسان يېزىسى خارخامار 3- نومۇرلۇق چېگرا ساقچى ئىشلىرى پونكىتىغا كېلىپ، «مېنىڭ جۇڭگو ئارزۇيۇم − مەدەنىيەتنى تۈمەنلىگەن ئائىلىگە يەتكۈزۈش» چاغاننى كۈتۈۋېلىش ھال سوراش ئويۇنىنى چېگرا قوغدىغۇچىلارغا سۇندى. قازاق چېگرا قوغدىغۇچى ئەدلېت تۇنجى قېتىم ئىشىكى ئالدىدىلا ئېسىل نومۇرلارنى كۆردى، «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىزگە شۇنداق كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ، چېگرا لىنىيەسىنى ياخشى قوغداش بىزنىڭ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشىمىزدىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىمىز.» دېدى ئەدلېت.

  ئاپتونوم رايوندىن تارتىپ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ ئەدەبىيات- سەنئەت ئۆمەكلىرى ۋە ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى ئەۋەتكەن ئەدەبىيات- سەنئەت شۆبە ئەترىتى، مەدەنىيەت خىزمەت ئەترىتى، ئەدەبىيات- سەنئەت پىدائىيلىرى، يېڭى ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمەتچىلىرى قاتارلىقلار يېزا، بازار، مەھەللە، مەكتەپ، ھەربىي گازارما، بولۇپمۇ ئېغىر نامرات رايونلارغا بېرىپ، چۈنليەن، قەغەز قىيما، ھۆسنخەت ۋە رەسىم ئەسەرلىرىنى يەتكۈزۈشتىن كىتاب يەتكۈزۈش، كىنو يەتكۈزۈش، ئويۇن يەتكۈزۈش، لېكسىيە يەتكۈزۈش، سەنئەت تەربىيەسى يەتكۈزۈشكىچە، مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار «مەدەنىيەت چاغانلىق ماللىرى» پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئائىلىسىگە، قولىغا، قەلبىگە يەتكۈزۈلۈپ، ھەر مىللەت ئامما قويۇق چاغان پۇرىقى ۋە ئائىلە دۆلەتكە بولغان چوڭقۇر مېھىر- مۇھەببەت ئىچىدە كاتتا بايرامنى ئورتاق تەبرىكلىدى.

  ■ھەر مىللەت ئامما «چاغانلىق كېچىلىك»تە باش رول ئالدى

  2-ئاينىڭ 8-كۈنى، «باھارغا مەدھىيە . بەختكە تولغان ساۋەن» باش تېمىسىدىكى ساۋەن ناھىيەسىنىڭ ئېسىل چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى ناھىيەلىك كىنو- تىياتىرخانىدا قويۇلدى. ناخشا- ئۇسسۇل، ئېتۇت، شىچۈ تىياتىرى، مۇزىكا ئورۇنلاش قاتارلىق نومۇرلار كەينى- كەينىدىن ئورۇنلاندى، شاد-خۇرام، ئىناق، خۇشال، قىزغىن بايرام كەيپىياتى تولۇپ تاشتى. كېچىلىكتە ھەم ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكى، ئەلئارا سەنئەت ئۆمەكلىرى قاتارلىق ئويۇن قويۇش ئۆمەكلىرى ئورۇنلىغان نومۇرلار بار، ھەم ئاساسىي قاتلام ئامما قاتنىشىپ ئىجاد قىلغان، ئورۇنلىغان ئېسىل نومۇرلار بار بولۇپ، «ئەلئارا چاغان كېچىلىكى»نىڭ يېپيېڭى يارقىن نۇقتىسى − ئوچۇق ئۆتكۈزۈش، چوڭ بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش، خەلققە يېقىن بولۇش نامايان قىلىندى. بۇ، ساۋەن ناھىيەسىنىڭ ئۈچىنچى يىلى ئۆتكۈزگەن ھەر مىللەت ئامما ئۆزى ئورۇنلاپ، ئۆزى شادلىنىدىغان چاغانلىق كېچىلىك.

  2-ئاينىڭ 8-كۈنى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چاغانلىق كېچىلىكنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش سەييارە ئويۇن قويۇش پائالىيىتى گۇچۇڭ ناھىيەسىگە كىردى. كۆرۈنۈشلۈك ناخشا «ئۆيۈمدە مۇھەببەت بولسۇن»، يالغۇز كىشىلىك ناخشا «گۈزەل باھار»، مودا بىرلەشمە گۇرۇپپىسى «مېنىڭ 2035- يىلى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىم»، ئۇسسۇل «گۈل ئېچىلغان ئاشۇ يىل»، شىچۈ تىياتىرى «باھار تۈسى قاپلىغان باغچە» ۋە ناخشا- ئۇسسۇل «سانجىنىڭ يېڭى دەۋرىنى مەدھىيەلەش» قاتارلىق نومۇرلار ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىپادىلىدى.

  ئېتۇت «تۇغقانلىشىش»تا سانجى ئوبلاستىنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلەر سۆزلەندى، گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ گۇچۇڭ بازىرى لىخۇاجەن مەھەللىسىدىكى ئاھالە لەتىپە ماخات مۇنداق دېدى: «يېڭى بىر يىلدا، مەن بىلەن تۇغقىنىم ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەت تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ».

  چاغان مەزگىلىدە، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدە ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما باش رول ئالغان چاغاننى كۈتۈۋېلىش ئەدەبىيات- سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى. ناخشا- ئۇسسۇل «مەيىن باھار شامىلى»، مۇزىكىلىق دىراما «مېھىر- شەپقەت كۆۋرۈكى»، چاتما ناخشا «چاغانلىق مۇبارەكلىشىش»، بالىلار چاتما تىياتىرى «بۈك- باراقسان نەشپۈتزارلىق»، چۈزى تىياتىرى «جاڭ لياڭنىڭ رەخت سېتىشى» قاتارلىق ئېسىل نومۇرلار كىشىلەرنى مەپتۇن قىلىۋالدى. بۇ ناھىيەلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ۋاڭ يۆ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھەرقايسى يېزا، كەنت، مەھەللىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ «چاغانلىق كېچىلىك»ىنى ئۆتكۈزدى، ھەر مىللەت ئامما ئۆزلىرى باش رول ئېلىپ، پارتىيە ۋە ۋەتەننى مەدھىيەلىدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇشنى كۈيلىدى، يۇرتى ۋە تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى تەرىپلىدى.

  يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ «مەن چاغانلىق كېچىلىككە چىقىمەن» پائالىيىتى ئۇدا يەتتە نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، ھەر نۆۋەتتە ھەر مىللەت ئامما ئۆزى تەييارلاپ، ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلىپ، ئۆزى ئورۇنلىغان نومۇرلار بار بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا زور بىر تۈركۈم كىشىگە لەززەت بېغىشلايدىغان ئەدەبىيات- سەنئەت ئەسەرلىرىنى تەقدىم قىلدى. «بىزنىڭ يەنجىدىكى پۇقرالارنىڭ چاغانلىق كېچىلىكى بارغانسېرى ياخشى بولۇۋاتىدۇ، رەڭگارەڭ، ئېسىل نومۇرلار دەۋرنىڭ قەدىمىگە زىچ ئەگىشىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى نامايان قىلىۋاتىدۇ» دېدى تاماشىبىن تۇڭ گې خۇشال ھالدا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر