باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىشى قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ

تاۋار ماركىسى قانۇن-تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتىكى بىنورمال قىلمىشلار توسۇپ قېلىنىدۇ

2019.02.19 15:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ ئورگان تورىدا يېقىندا «تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش ئىشىنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە بەلگىلىمە (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» ئېلان قىلىنىپ، جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئېلىندى. پىكىر ئېلىش ۋاقتى 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 14- كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش تەرتىپىنىڭ ئەلالاشتۇرۇلۇشى، رويخەتكە ئېلىش مۇددىتىنىڭ قىسقارتىلىشى، رويخەتكە ئالدۇرۇش تەننەرخىنىڭ تۆۋەنلىشى، رويخەتكە ئېلىنىش بايلىقىنىڭ ئازلاپ كېتىشىگە ئەگىشىپ داڭلىق ماركىغا بېقىنىش مەقسەت قىلىنغان تاۋار ماركىسىنى «يامان غەرەزدە ئىلتىماس قىلىش» قىلمىشلىرى دائىم يۈز بېرىپ تۇرماقتا، تىزىملاتقان تاۋار ماركىسىنى ئەمەلىي ئىشلەتمەستىن بەلكى ئۆتۈنۈپ بېرىش ئارقىلىق پايدا ئېلىش مەقسەت قىلىنغان تاۋار ماركىسىنى «رويخەتكە ئالدۇرۇپ بېسىپ قويۇش» قىلمىشلىرى كۆپلەپ كۆرۈلمەكتە. تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتىكى بۇنداق بىنورمال قىلمىشلار بازار ئىگىلىكى تەرتىپىنى ۋە تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرۇپ، سودا مۇھىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، جەمىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

  بۇنىڭغا قارىتا، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇن چىقىرىش تەتقىقاتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، تاۋار ماركىسى قانۇن- تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتىكى بىنورمال قىلمىشلارنى توسۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرمەكچى. قىسقا مۇددەت ئىچىدە نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، پاتېنت ساھەسىدىكى بىنورمال ئىلتىماس قىلىش ئىشىنى قېلىپلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئۆرنەك قىلىش ئاساسىدا، مەزكۇر تارماقنىڭ قائىدىسىنى تەييارلاپ، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش ئىشىنى قېلىپلاشتۇرىدۇ ۋە يېتەكلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر