باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەرمەكتە

2019.02.18 16:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاغان پۇرىقى تۈگىمىدى، سوغۇق داۋاملاشماقتا، تيانشەننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى بىپايان دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق رايونلىرى بارا-بارا ئالدىراش بولۇپ كەتتى، شىنجاڭدا «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتنىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا، شۇ جايدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى ماھارەت ئۆگىنىپ، تەجرىبە ئالماشتۇرۇپ، زاۋۇت، پارنىكلارغا كىرىپ، ئېتىزغا چىقىپ، جاپالىق ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق قىشنىڭ ئارىسالدا ۋاقىتلىرى بىلەن خوشلىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئىرادىسى ئارقىلىق «ئىشنىڭ باھاردىن باشلىنىدىغانلىقى»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى.

  ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئالغا بازىرى تۆۋەنكى مەكىت كەنتى يېقىندىن بۇيان ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتتى، تىككۈچى تەربىيىلەش كۇرسىدا، شىنجاڭ سانائەت ئىقتىساد مەكتىپىدىن كەلگەن مۇئەللىملار دېھقانلارغا سىزىش، پىچىش، تىككۈچىلىك تېخنىكىسىنى ئۆگىتىۋاتاتتى، نامرات نوپۇس مەريەم تۇرسۇن كۆتۈرەڭگۈ قىياپەتتە بىر پارچە رەخت ئۈستىگە جىلىتكە پوسونىنى سىزىپ چىقتى ھەمدە ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئەللىمگە ئەگىشىپ پىچىپ، كىيىم تىكىش ماشىنىسى ئارقىلىق تىكىشكە تۇتۇش قىلىپ، نەچچە يىللىق توقۇمچى قىز بولۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ياندىكى پېچىنە –پىرەنىك ياساش كۇرسىدا، پېچىنە پىرەنىك دۇكىنى ئىگىسى ھاجىرەم ئەمەت بىر نەچچە ياش بالىغا پېچىنە-پىرەكنىك ياساشنى ئۆگىتىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن ئىدى.

  مارالبېشى ناھىيىسى دۆلەتباغ يېزىسى كىچىكتۆپە كەنتىدە، بىر مەيدان ئۆزگىچە سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلغۇچىلار ۋەكىللىرى «ئۆز كەچۈرمىشىنى مىسال قىلىپ سۆزلەش»نىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى. 23 نەپەر نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلە كىشىلىرى كەنت ئاھالىلىرىغا تۈرلۈك ياردەم بېرىش سىياسىتىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، ئۆزلىرىنىڭ تىرىشىپ ئىشلەپ، ئاخىرىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش تەجرىبىلىرىنى سۆزلەپ بەردى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى تونۇشتۇردى، بەزىلىرى كىرىمىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى، يەنە بەزىلىرى ئۆزلىرى يولۇققان مەسىلە، قىيىنچىلارنى بايان قىلدى.

  كېرىيە ناھىيەسى شەمبەبازار بازىرى توقۇمىچىلىق سانائىتى باغچا رايونىدىكى شىنجاڭ خوتەن جۇڭتەي دۇڭجەن كىيىم-كېچەك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ سېخىدا 1300 دىن ئارتۇق كىيىم تىكىش ماشىنىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئوخشاش فورما كىيگەن ئايال ئىشچىلار ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى. قىتىچى كەنتى ئاھالىسى ئايگۈل ئوسمان تىكىش ماشىنىسىنى پىششىق مەشغۇلات قىلغاچ: شىركەت كەنتكە ئاران 500 مېتىر كېلىدۇ، ھەر كۈنى چۈشتە ئۆيگە بېرىپ بالامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ كېلىمەن. كىشى بېشىغا بىر مودىنمۇ توغرا كەلمەيدىغان يەر بىلەن ئائىلەمنىڭ كۈندىلىك چىقىمىنى قامدىيالمايتتىم، ھازىر زاۋۇتتا ئېيىغا 1500 يۈەن كىرىم قىلىپ، قىشنىڭ ئارىسالدا ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ نامراتلىقتىن يىراقلاشتىم، دېدى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىقتىسادىي تەپتىش نازارىتىنىڭ يۈخې كەنتىدە تۇرۇشلۇق بىرىنچى شۇجىسى ۋاڭ جۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئادەم ئىشچان بولسا، ئىشلىرى ئاسان بولىدۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتا كۈتۈش، تايىنىش، ئېلىش ئىدىيەسىنى تۈگىتىش نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. بۈگۈنكى كۈندە كەنت ئاھالىلىرى تەبىئىي مۇھىتنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە قاشتېشى قېزىپ، باي بولۇشنى ئويلىمايدىغان بولدى، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر پۇتۇڭخۇانى راۋان سۆزلەيدىغان بولدى، پىششىق تېخنىكا ئۆگەندى، سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ھازىرغىچە، خىزمەت ئەترىتى 676 كەنت ئاھالىسىنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇردى، ئۇلار ئامانلىق ساقلاش خادىمى، مۇھىت ئاسراش ئىشچىسى، قۇرۇلۇش ئىشچىسى، مېھمانخانا تازىلىقچىسى، يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمى بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر