باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مول مەزمۇنلۇق رەڭگارەڭ يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى بەزى دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈلدى

2019.02.18 16:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، بىر يۈرۈش مول مەزمۇنلۇق رەڭگارەڭ يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى، پانۇس بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى بەزى دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈلۈپ، زور تۈركۈم ئاممىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى. «سېنگاپور گىرىم سەنئىتى چوڭ سەيلىسى 2019» 1-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچتە سېنگاپوردا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ يىلقى گىرىم سەنئىتى سەيلىسىنىڭ باش تېمىسى «گىرىم سەنئىتى ئارزۇسىنى مۇجەسسەملەپ شاتلىق تەنتەنىسىگە چۆمۈش» بولۇپ، 6500 سەنئەتكار ئويۇنغا قاتناشتى. سېنگاپور زۇڭلىسى لى شيەنلۇڭ شۇ كۈنى كەچتە گىرىم سەنئىتى سەيلىسى پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، ئامما بىلەن بىرلىكتە تەبرىكلىدى.

  چوڭ قىزىل پانۇسلار ۋە كۆكتە لەپىلدەپ تۇرغان بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق 2-ئاينىڭ 15-كۈنى سېرىلانكىنىڭ پايتەختى كولومبو مۇستەقىللىق مەيدانىنى قويۇق «جۇڭگوچە تۈسكە» كىرگۈزگەن ئىدى. 3-نۆۋەتلىك «شادلىققا چۆمگەن چاغان» ناملىق جۇڭگونىڭ چاغانلىق بۇتخانا سەيلىسى پائالىيىتى بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلدى. بۇتخانا سەيلىسىدىكى چىراق يورۇتۇش مۇراسىمىدا جۇڭگونىڭ سەنشىدىن كەلگەن ئەلئىچى سەنئەتكارلىرى ناخشا-ئۇسۇل، سېرىك ئويۇنى، سېھرىگەرلىك، چامباشچىلىق قاتارلىق ئويۇنلارنى قويوپ، مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ ياڭراق چاۋاك ساداسى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  بىلورۇسىيە دۆلەت داشۆسى قارمىقىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ، پايتەخت مېنسىك ۋە گرودنو، برېستسىكايا، ئورشا قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى پانۇس بايرىمى كېچىلىكىنى ئۆتكۈزدى، كېچىلىكتە ئوقۇغۇچىلار ئېتۇت، ناخشا-ئۇسۇل ۋە شېئىر دېكلاماتىسيە قىلىش قاتارلىق نومۇرلارنى ئورۇنلىدى.

  2-ئاينىڭ 14-كۈنى جۇڭگو خۈيچۈن ياش ئۆسمۈرلەر مۇزىكا ئۆمىكى بېرمىنىڭ يانگون ئۆلكىسىدىكى بىر يېتىم بالىلار مەركىزىدە «شادلىققا چۆمگەن چاغان» مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، بالىلارغا جۇڭگونىڭ چاغان شادلىقىنى ئاتا قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر