باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، جاسارەت بىلەن كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىش

− گۇيجوۋنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكىدىن خاتىرە

2019.02.18 16:44         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى لى يىن، خۇ شىڭ، لو فېي

  ■باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، گۇيجوۋ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇھىم ئىش ۋە بىرىنچى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قىلىپ، بۇ قاتتىق جەڭدە پۈتۈن كۈچ بىلەن غەلىبە قىلدى ۋە ئۇنى ياخشى قىلدى.

  ■يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇيجوۋ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسىپلەرنى يۇقىرى تېخنىكىلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇش، تۈجۈپىلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى تېز شەكىللەندۈردى.

  ■پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇيجوۋ ئۆلكىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا يەنە بىر قېتىم مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: گۇيجوۋ تەرەققىيات ۋە ئېكولوگىيەدىن ئىبارەت ئىككى تۆۋەن چەكنى ياخشى ساقلاپ، پۇقرالىرى باي، ئېكولوگىيەسى گۈزەل، رەڭدار گۇيجوۋنىڭ يېڭى كەلگۈسىنى يارىتىشى كېرەك.

  نامراتلارنى يۆلەش-روناق تاپقۇزۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش، چىڭ تۇتۇش، يەنە چىڭ تۇتۇش، پۇختا ئىشلەش، پۇختا ئىشلەش، يەنە پۇختا ئىشلەش كېرەك؛ تەرەققىيات تەپەككۇرىدا يېڭىلىق يارىتىپ، كېيىن تەرەققىي قىلىش ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك؛ سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشتا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك... 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىدا گۇيجوۋ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، گۇيجوۋنىڭ خىزمەتلىرىگە قارىتا مۇھىم يوليورۇق بەردى.

  تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇيجوۋ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىشنىڭ يۆنىلىشى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، قەتئىي ھالدا تەرەققىيات ۋە ئېكولوگىيەدىن ئىبارەت ئىككى تۆۋەن چەكنى ياخشى ساقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، تەڭ قەدەمدە ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشتە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلدى. شەرقىي قىسىمنىڭكىدىن پەرقلىنىدىغان، غەربىي قىسىمدىكى باشقا ئۆلكىلەرنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان بىر تەرەققىيات يېڭى يولى شەكىللىنىۋاتىدۇ.

  ■«مەن باش شۇجىنىڭ سۆزىنى ئىزچىل ئېسىمدە ساقلاپ كېلىۋاتىمەن»

  2-ئاينىڭ 2-كۈنى، گۇيجوۋ ئۆلكىسى گۇيئەن يېڭى رايونى گاۋفېڭ بازىرى مالاڭ كەنتى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ چياۋيىڭ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ بەنزە ئەزالىرىنى باشلاپ بېلىق-ئۆردەك كۆلچىكىدىكى سۇنى قويۇۋېتىپ بېلىق تۇتۇۋاتاتتى.

  «بۇ، كەنتتىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ئۈلگە كۆرسىتىدىغان تۈر بولۇپ، بەش نامرات ئائىلە قاتناشتى، ئۇنىڭغا يېقىندىن كۆز- قۇلاق بولمىساق بولمايدۇ» دېدى ليۇ چياۋيىڭ.

  ليۇ چياۋيىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئۇ گۇيجوۋ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتنىشىشقا كەلگەن باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەن. «باش شۇجى ھەقىقىي تۈردە نامرات رايوندىكى ئاممىنى ئۈزلۈكسىز ھەقىقىي ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.» ليۇ چياۋيىڭ مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: «مەن باش شۇجىنىڭ سۆزىنى ئىزچىل ئېسىمدە ساقلاپ كېلىۋاتىمەن، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن نامراتلارنى يۆلەشنى قانداق تۇتۇشتا يۆنىلىشىمىز ۋە نىشانىمىز بار بولدى».

  دەل مۇشۇ يىلى، دۆلەت دەرىجىلىك يېڭى رايون−گۇيئەن يېڭى رايونى تەسىس قىلىنىپ، مالاڭ كەنتى ئۇنىڭغا كىرگۈزۈلدى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ ئەنئەنىۋى بۇيىزۇ كەنتى «كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىپ قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىش»نى كۈتۈۋالدى. 2014-يىلى، پۈتۈن كەنتتىكى 286 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنىڭ 71ى نامرات ئائىلە بولۇپ، كىشى بېشى يىللىق ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 4100 يۈەن ئىدى. 2018-يىلى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 13 مىڭ يۈەنگە ئۆستى.

  گۇيجوۋ ئىلگىرى ئۇزاق مۇددەت دۆلىتىمىزدىكى نامرات ئاھالە ئەڭ كۆپ ئۆلكە بولۇپ كەلگەنىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇيجوۋنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە باشتىن- ئاخىر ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، گۇيجوۋ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇھىم ئىش ۋە بىرىنچى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قىلىپ، بۇ قاتتىق جەڭدە پۈتۈن كۈچ بىلەن غەلىبە قىلدى ۋە ئۇنى ياخشى قىلدى.

  يىل بويى، پۈتۈن ئۆلكىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى دەل جايىدا قانات يايدۇرۇلدى، يوچۇقسىز جىپسىلاشتۇرۇلدى. «باھار شامىلى ھەرىكىتى»دە، 14مىليون مو يەرگە كۆكتات تېرىش قاتارلىق كەسىپلەر زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلدى؛ «ياز پەسىللىك ھۇجۇم»دا، «نامرات ئاھالىلەرنى خاتا باھالاش، باھالىغاندا چۈشۈرۈپ قويۇش» قاتارلىقلارنى مەخسۇس تۈزەش چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى؛ «كۈز پەسىللىك مول ھوسۇل ھېساباتىنى خۇشاللىق ئىچىدە ھېسابلاش»تا، نازارەت قىلىپ باھالاش كۈچەيتىلدى.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ «تۆت پەسىل ناخشىسى»دا، نامرات رايونلارنىڭ «بەخت ناخشىسى» ئېيتىلدى. 2018-يىلى، گۇيجوۋدا 1 مىليون 480 مىڭ نامرات ئاھالە ئازىيىپ، نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى %4.3كە چۈشۈپ، 14 نامرات ناھىيە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى.

  ■يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى يىلتىز تارتىپ چېچەكلىدى

  چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، گۇيجوۋ شىڭيى شەھىرىنىڭ بۇگۇنياۋ مىللىي مەدەنىيەت ئۆرپ-ئادەت باغچىسى قويۇق چاغان پۇرىقىغا تولغان بولۇپ، ساياھەتچىلەر مىغ-مىغ ئىدى. 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئۆرپ-ئادەت باغچىسىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ جىڭ قوشۇمچە ساياھەت يېتەكچىسى بولۇپ، ساياھەتچىلەرگە بۇيىزۇ مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم- كېچەكلىرىنى تونۇشتۇردى.

  ۋاڭ جىڭ مۇنداق دېدى: بۇ بىرنەچچە يىلدا، كارخانىمىز مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى چوڭقۇر يۇغۇردى، قۇرۇلغان ئۆرپ-ئادەت باغچىسى مۇشۇ جايدىكى ساياھەت قىزىق مەنزىرە نۇقتىسىغا ئايلىنىپلا قالماستىن، يەنە 100دىن كۆپرەك كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، «گۇيجوۋنىڭ گۈللەنمە كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش تېز پويىزىغا چىقتى».

  تەرەققىيات تەپەككۇرىدا يېڭىلىق يارىتىپ، كېيىن تەرەققىي قىلىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش. بۇ 2014-يىلى باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇيجوۋ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا گۇيجوۋدىن كۈتكەن ئۈمىدى. 2015-يىلى 6-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇيجوۋغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش دولقۇنىغا دۇچ كەلگەندە، پەقەت ئېگىزلىكنى پائال ئىگىلىگەندىلا، ئاندىن تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

  چوڭ سانلىق مەلۇمات، ساياھەتچىلىك گۇيجوۋنىڭ گۈللەنمە كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى كۈچەش نۇقتىسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇيجوۋ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسىپلەرنى يۇقىرى تېخنىكىلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇش، تۈجۈپىلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى تېز شەكىللەندۈردى. ھاراق، كۆمۈر، ئېلېكتىر قاتارلىقلارنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەش جەريانىدا ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ ئوتتۇراھال، يۇقىرى تېخنىكىلىشىشقا يۈرۈش قىلىشىنى ئالغا سىلجىتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭى تېببىي دورا چوڭ ساغلاملىق، زامانىۋى تاغلىق يەر يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتتى. 2018-يىلى، گۇيجوۋ رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %9.1ئېشىپ، ئۇدا سەككىز يىل پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.

  ■سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇش بايلىققا ئايلاندى

  يېقىندا، گۇيجوۋ ئۆلكىسى تۇڭرېن شەھىرى يەنخې ناھىيەسىنىڭ شىنچۈن كەنتىدە، ھەممە يەرنى قاپلىغان جۈزىلەر يىغىم پەسلىنى كۈتۈۋالدى. تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسى بولغان جاڭ گويىڭ پەخىرلەنگەن ھالدا مۇخبىرلارغا: «سىلەر ئىلگىرى بۇ يەرنىڭ ئېكولوگىيەسىنىڭ ناچارلىشىپ، توپىنىمۇ تۇتۇپ تۇرالمايدىغان ھالەتكە بېرىپ قالغانلىقىنى ھەرگىزمۇ ئويلاپ يېتەلمەيسىلەر» دېدى.

  2014-يىلى، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولغان جاڭ گويىڭ بېيجىڭغا كېلىپ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭغا كەنتتىكى ئەھۋاللارنى دوكلات قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ «سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇش بىلەن بايلىق ھەرگىزمۇ بىر- بىرىگە زىت ئەمەس» «ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش دەل ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قوغدىغانلىق» دېگەن سەمىمىي تاپشۇرۇقى يەنىلا ھازىرقىدەكلا ئېسىمدە.

  2017-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇيجوۋ ئۆلكىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى. يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: گۇيجوۋ تەرەققىيات ۋە ئېكولوگىيەدىن ئىبارەت ئىككى تۆۋەن چەكنى ياخشى ساقلاپ، پۇقرالىرى باي، ئېكولوگىيەسى گۈزەل، رەڭدار گۇيجوۋنىڭ يېڭى كەلگۈسىنى يارىتىشى كېرەك.

  بۈگۈنكى كۈندە، يېشىللىق گۇيجوۋنىڭ چىرايلىق نام كارتىسىغا ئايلاندى. دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تەجرىبە رايونىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، گۇيجوۋنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %57كە ئۆرلىدى، مەركىزىي شەھەر ۋە ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرلەرنىڭ ھاۋا سۈپىتى كۆرسەتكۈچى ياخشى بولغان كۈن سانىنىڭ ئوتتۇرىچە نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %97.2ۋە %97.7بولدى.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گۇيياڭ، 2-ئاينىڭ 16-كۈنى تېلېگراممىسى)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر