باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايوننىڭ 35 نامرات ناھىيە (شەھەر)لىك پارتكوم شۇجىلىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە كىتاب ئوقۇش كۇرسى ھەم مەركەزنىڭ كۆزىتىشىگە ئاساسەن تۈزىتىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش ۋە ئۇنىڭدا غەلىبە قىلىش كېرەك

2019.02.18 16:48         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى



  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 2-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ 35 نامرات ناھىيە (شەھەر)لىك پارتكوم شۇجىلىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە كىتاب ئوقۇش كۇرسى ھەم مەركەزنىڭ كۆزىتىشىگە ئاساسەن تۈزىتىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىندا «شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» ۋە «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقلىرى توپلىمى» كوللېكتىپ ئۆگىنىلدى، مەركەز 6-كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قارىتا قانات يايدۇرغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس كۆزىتىش ئەھۋالىنى قايتما ئىنكاس قىلىش يىغىنى، ئاپتونوم رايوننىڭ مەركەز 6-كۆزىتىش گۇرۇپپىسى قانات يايدۇرغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس كۆزىتىش قايتما ئىنكاس پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىشنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تۈزىتىش لايىھەسىنىڭ ئاساسلىق روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش-روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۈنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن- ئاخىر نامرات رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، نامرات رايونلار ۋە نامرات ئاممىنى ياد ئېتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە قارىتا ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى ئاتلىنىپ، ئۆزى جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، بىر قاتار يېڭى تەدبىر، يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلىپ، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى تۈپ قوللانما، مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى. ناھىيە (شەھەر)لىك پارتكوملار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختا ئىشلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۆگىنىش چوڭقۇر بولماسلىق، ئىدىيەۋى تونۇش جايىدا بولماسلىق مەسىلىلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلىپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقلىرىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق »ئىككىنى قوغداش«نى ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ناھىيە (شەھەر)لىك پارتكوم شۇجىلىرىنىڭ تۈزىتىشتىكى بىرىنچى مەسئۇل كىشىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە ئۈلگە بولۇپ، ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىش؛ بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىنىمۇ بىلىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىش؛ تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ياخشى تۇتۇپ، «قىش پەسىللىك ھۇجۇم»دىن پايدىلىنىپ، تۈرلەرنى پىلانلاش، تۈرلەرنى تاللاپ باھالاش، تۈرلەرنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش؛ مەبلەغ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «مەبلەغ تۈرگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان، تۈر پىلانغا ئەگىشىپ ماڭىدىغان، پىلان ئېھتىياجغا ئەگىشىپ ماڭىدىغان، ئېھتىياج ئەمەلىيەتكە ئەگىشىپ ماڭىدىغان» جىپسىلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشلىتىلىش ئۈنۈمى ۋە پايدىسىنى ئۆستۈرۈش؛ ئىلگىرىلەش سۈرئىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، نامراتلارنى دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈش، ھەقىقىي چېكىندۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: جەڭگىۋار كۈرەش ئىرادىسىنى ساقلاپ، مۇقىملىقنى قوغداش بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، كەيپىيات يارىتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشنى بىر تۇتاش ياخشى پىلانلاپ، قەتئىي ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت بۇ مەيدان قاتتىق جەڭنى ياخشى قىلىش ۋە ئۇنىڭدا غەلىبە قىلىش كېرەك.

  يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، مالىيە نازارىتى، ئىقتىسادىي تەپتىش نازارىتى، نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار 35 نامرات ناھىيە(شەھەر)دە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. 35 نامرات ناھىيە(شەھەر)لىك پارتكومنىڭ شۇجىلىرى ئىپادە بىلدۈرۈپ سۆز قىلدى، مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس كۆزىتىش قايتما ئىنكاس پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىش ۋەدىنامىسى تاپشۇردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر