باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

1-ئايدا CPI ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.7 ئۆرلىدى، PPI ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.1 ئۆرلىدى

2019.02.18 14:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى يېقىندا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى ( CPI ) ۋە سانائەت ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىرىش باھا كۆرسەتكۈچى (PPI)نىڭ 2019- يىلى 1- ئايدىكى سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇ مەلۇماتلاردا، CPIبۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 1.7 ئۆرلىگەن،PPI بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 0.1 ئۆرلىگەن.

  سېلىشتۇرمىدىن قارىغاندا، CPI ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.5 ئۆرلىگەن بولۇپ، بۇنىڭدا ئاساسلىقى بايرام ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. بۇنىڭ ئىچىدە، يېمەكلىك باھاسى %1.6 ئۆرلىگەن بولۇپ، ئۆرلەش نىسبىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.5 پىرسەنت پوئىنت كېڭەيگەن، ھەمدە بۇCPIنىڭ 0.31 پىرسەنت پوئىنت ئۆرلىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن؛ غەيرىي يېمەكلىكلەرنىڭ باھاسى ئالدىنقى ئايدىكى %0.2 تۆۋەنلەشتىن %0.2 ئۆرلەشكە ئۆزگەرگەن بولۇپ، بۇCPI نىڭ 0.19 پىرسەنت پوئىنت ئۆرلىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن.

  تەھلىللەرنىڭ نەتىجىسىدىن قارىغاندا، يېمەكلىكلەر ئىچىدە، 1- ئايدا ھاۋا رايىنىڭ سوغۇق ئېقىملىق ئۆزگىرىشى ۋە چاغاننىڭ يېقىنلىشىپ قېلىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەر ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئالدىنقى ئايدىكىدىن %9.1، %2.3 ۋە %2.0 ئۆرلىگەن؛ قوي گۆشى، كالا گۆشى ۋە تۇخۇمنىڭ باھاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئالدىنقى ئايدىكىدىن %1.8، %1.7 ۋە %0.5 ئۆرلىگەن؛يۇقىرىدىكى ئالتە تۈرلۈك مەھسۇلاتنىڭ باھاسى قوشۇلۇشى CPI نىڭ 0.32پىرسەنت پوئىنت ئۆرلىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن.

  غەيرىي يېمەكلىكلەر ئىچىدە، 1- ئايدا، قىشلىق تەتىلدىكى ۋە چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدىكى سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنىڭ كۆپىيىش سەۋەبىدىن، ئايروپىلان بېلەتلىرى، ساياھەت كوپىراتىپلىرىنىڭ ھەق ئېلىشى ۋە ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس بېلەتلىرىنىڭ باھاسى قاتارلىقلارنى قوشقاندا، ئۇلار CPI نىڭ0.15 پىرسەنت پوئىنت ئۆرلىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن.

  مۆلچەر بويىچە ھېسابلىغاندا، 1- ئايدا ئۆرلىگەنCPIنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.7 ئۆرلەش دەرىجىسى ئىچىدە، بۇلتۇرقى باھا ئۆزگىرىشىدىكى ئارتۇق قالدۇقنىڭ تەسىرى تەخمىنەن 1.2 پىرسەنت پوئىنت بولغان بولۇپ، بۇ، يېڭى ئۆرلىگەن باھانىڭ تەخمىنەن 0.5 پىرسەنت پوئېنت بولۇشىغا ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكەن؛ 1- ئايدا ئۆرلىگەن PPIنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.1 ئۆرلەش دەرىجىسى ئىچىدە، بۇلتۇرقى باھا ئۆزگىرىشىدىكى ئارتۇق قالدۇقنىڭ تەسىرى تەخمىنەن 0.7 پىرسەنت پوئېنت بولغان بولۇپ، بۇ، يېڭى ئۆرلىگەن باھانىڭ تەخمىنەن مەنپىي 0.6 پىرسەنت پوئېنت بولۇشىغا ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر