خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يۈەنشياۋ بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، يورۇق ئاي تولىدۇ. ئاسترونومىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، 2019- يىلىدىكى يۈەنشياۋ بايرىمىلىق ئاي «بۇ يىللىق ئەڭ چوڭ، ئەڭ يۇمىلاق ئاي» بولۇپلا قالماستىن، يەنە «ئاينىڭ 15- كۈنىدىكى ئەڭ يۇمىلاق ئاي ئىكەن»، ئەڭ يۇمىلاق ئاي 19-فېۋرال 23تىن 54 مىنۇتتا كۆرۈلىدىكەن. بۇ چاغدا، ئېلىمىزدىكى ئۇمۇمەن ھاۋا ئۇچۇق جايلارنىڭ ھەممىسىدە «يورۇق ئاينىڭ ئاسماننى يورۇتۇشى»دىن ئىبارەت ئاسترونومىيەلىك گۈزەل مەنزىرە پەيدا بولىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى