باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئۈچ بىرىنچى»جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى، جۇجياڭ دولقۇن كۆتۈرۈپ قايتا سەپەرگە ئاتلاندى

2019.02.18 16:46         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  _ گۇاڭدۇڭنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكىدىن خاتىرە

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى شۈ جىنپېڭ، يې چيەن، جوۋ يىڭ

  ■ كۆپ پۇل خەجلەپ ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، قولايلىق بولغان تۇرۇش، ئولتۇراقلىشىش، قېلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش، نوپۇس تەۋەلىكى، رايون، سالاھىيەت، ئوقۇش تارىخى، ئۇنۋان چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ بازارغا كىرىشىدىكى «باغلاقنى بوشىتىش»، خەلقئارا تەۋەككۈل سېلىنمىسى، ئىگىلىك تىكلەش سېلىنمىسى مەركىزى بەرپا قىلىش، تەتقىق قىلىپ ياسىغاندىن كېيىن ياردەم پۇل بېرىپ كارخانىلارنى پەن تەتقىقاتقا كۆپ پۇل خەجلەشنى خالايدىغان قىلىش... «دەل- دەرەخلەر ئاقىرىپتۇ نەشپۈت چېچىكىدەك» دېگەندەك بىر خىل يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسى ئۈزلۈكسىز بەرپا قىلىندى.

  ■

  بۇ يىل گۇاڭدۇڭ ياسىمىچىلىق «ئوتتۇرىچە مو ئېففېكتى»نى ئۇنىۋېرسال باھالاش سىستېمىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دۇنيا دەرىجىلىك ئىلغار ياسىمىچىلىق كەسىپلەر توپىنى بەرپا قىلىپ، بىر تۈركۈم ياسىمىچىلىقتا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرىدۇ.

  ■ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق بايلىق، مۇلازىمەت، باشقۇرۇش ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈلۈپ، ئاھالىلەر تۈجۈپىلەشتۈرۈلگەن، ئىنچىكىلەشتۈرۈلگەن مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەندى، بۇنىڭ بىلەن ھەممە كىشى قاتنىشىدىغان، ھەممە كىشى تولۇق كۈچ چىقىرىدىغان، ھەممە كىشى ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ۋەزىيىتى شەكىللىنىۋاتىدۇ.

  2014- يىللىق، 2018- يىللىق مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىككى قېتىم گۇاڭدۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتنىشىپ، گۇاڭدۇڭدىن «باتۇرلۇق بىلەن ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىش، دادىللىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ئىزدىنىش»، «ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان تۈزۈلمە- مېخانىزم بەرپا قىلىش، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى قۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىلگەن يېڭى ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈش، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ۋەزىيىتى يارىتىشتا مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا مېڭىش»نى تەلەپ قىلدى.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى باشلامچى، ئالدىن يولغا قويغان جاي، تەجرىبە رايونى بولغان گۇاڭدۇڭ «تەرەققىيات بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە، ئىختىساسلىقلار بىرىنچى بايلىق، يېڭىلىق يارىتىش بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ» ئىدىيەسىنى پائال ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، بالدۇر ھەرىكەتكە كېلىپ، كېچە- كۈندۈز تىرىشىپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا يەنە يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى.

  ■ بازارنى پۇختا كۆزىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئېگىزلىكى بەرپا قىلىش

  يېقىن ئەتراپتىكى بانكا تور نۇقتىسىدا تىجارەت كىنىشكىسى ئېلىشتىن تارتىپ چىراينى پەرقلەندۈرۈش ئارقىلىق ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا قويۇش، ماشىنا ئادەم ئاپتوماتىك ھالدا تىجارەت كىنىشكىسى تارقىتىشقىچە، يەنە ئۈندىدار كىچىك پىروگراممىسى ئارقىلىق «لاۋبەن بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقىچە، «بەش كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش»تىن تارتىپ «15كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش»كىچە... گۇاڭدۇڭدا سودا ئىشلىرىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش بارغانسېرى قولايلاشتى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شېنجېن گۇاڭچى ئالىي تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى ليۇ روپېڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان تۈزۈلمە- مېخانىزمنى بەرپا قىلىش بىر سىستېما قۇرۇلۇشى، بۇنىڭدا مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاچقۇچنى چىڭ تۇتۇش كېرەك، كارخانىلار سودا ئىشلىرىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش قاتارلىق تىجارەت- سودا مۇھىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەڭ ئېھتىياجلىق، دەپ تەكىتلىدى.

  ئىسلاھات ھاياتىي كۈچىنى قويۇپ بەردى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى 100 مىليون بازار سۇبيېكتى ئىچىدە گۇاڭدۇڭ تەخمىنەن توققۇزدىن بىر ئۈلۈشنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتىدىن 11 مىليونى بار، ھەر 1000 ئادەمگە 43 كارخانا توغرا كېلىدۇ؛ پۈتۈن مەملىكەتتىكى دۇنيا بويىچە 500 كۈچلۈك كارخانا قاتارىغا كىرىدىغان 28 پۇقراۋى كارخانىنىڭ سەككىزى گۇاڭدۇڭدا.

  كۆپ پۇل بېرىپ ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، قولايلىق بولغان تۇرۇش، ئولتۇراقلىشىش، قېلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش، نوپۇس تەۋەلىكى، رايون، سالاھىيەت، ئوقۇش تارىخى، ئۇنۋان چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ بازارغا كىرىشىدىكى «باغلاقنى بوشىتىش»، خەلقئارا تەۋەككۈل سېلىنمىسى، ئىگىلىك تىكلەش سېلىنمىسى مەركىزى بەرپا قىلىش، تەتقىق قىلىپ ياسىغاندىن كېيىن ياردەم پۇل بېرىپ كارخانىلارنى پەن تەتقىقاتقا كۆپ پۇل خەجلەشنى خالايدىغان قىلىش... «دەل- دەرەخلەر ئاقىرىپتۇ نەشپۈتنىڭ گۈل- چېچىكىدەك» دېگەندەك بىر خىل يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسى ئۈزلۈكسىز بەرپا قىلىندى.

  «بۇ خىل ئۇسۇللار دەل باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈزۈلمە- مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىلىق يارىتىشتىكى زۆرۈر ئامىللارنىڭ ئەركىن يۆتكىلىشى ۋە يىغىلىپ توپلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەلا سۈپەتلىك تۈزۈم تەمىناتى، مۇلازىمەت تەمىناتى، زۆرۈر ئامىل تەمىناتى ۋە مۇكەممەل، تولۇق بازار سىستېمىسى ئارقىلىق تەرەققىيات مۇھىتىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى كۈچەيتىدۇ» دېدى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تەرەققىيات- تەتقىقات مەركىزىنىڭ كۆزەتكۈچىسى لى خۈيۋۇ.

  ■ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىساد سىستېمىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا يۈرۈش قىلدۇرۇش

  80- يىللاردا تۇغۇلغان ۋەتەنگە قايتقان يۈەن يۈيۈ قۇرغان مەيپۇ ھاسىلىي تېببىي پەن- تېخنىكا شىركىتى كۆچۈرۈش تۈرىدىكى داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ساھەسىدە پۈتۈن يەرشارى بويىچە يېڭى چولپانغا ئايلاندى. 2018- يىلى، يېڭىدىن سايلانغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ باش شۇجى شى جىنپىڭغا كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.

  پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئىقتىسادىي چوڭ ئۆلكە بولۇش سۈپىتى بىلەن، گۇاڭدۇڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بەردى، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى، يۇقىرى تېخنىكىلىق جابدۇق ياسىمىچىلىقى، بىيو تېببىي دورا قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەر تەرەققىياتىنى ھەممىنىڭ مۇھىمى قىلدى.

  2018- يىلى گۇاڭدۇڭ تەخمىنەن 9 تىرىليون 730 مىليارد يۈەن رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇدا 30 يىل پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 1- ئورۇندا تۇردى.

  پەقەت «ھۆسنى» گۈزەللىشىپلا قالماي، «خىسلىتى»مۇ بارغانسېرى ئېسىللاشتى. ئىلغار ياسىمىچىلىق ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتتە ئىگىلىگەن نىسبىتى %56.4 ۋە %31.5كە يەتتى. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىنىڭ نازىرى تۇ گاۋكۇن مۇنداق دېدى: بۇ يىل گۇاڭدۇڭ ياسىمىچىلىق «ئوتتۇرىچە مو ئېففېكتى»نى ئۇنىۋېرسال باھالاش سىستېمىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دۇنيا دەرىجىلىك ئىلغار ياسىمىچىلىق كەسىپلەر توپى بەرپا قىلىپ، بىر تۈركۈم ياسىمىچىلىقتا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇپ چىقىدۇ.

  «پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېنېرگىيەسى»نى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىدۇ. گۇاڭدۇڭدا پۈتۈن ئۆلكە بويىچە يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار 33 مىڭدىن ئېشىپ، تېخنىكىدا ئۆزىنى- ئۆزى تەمىنلەش نىسبىتى ۋە پەن- تېخنىكا تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى ئايرىم- ئايرىم ھالدا %72.5 ۋە %68 كە يېتىپ، رايون بويىچە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى مەملىكەت بويىچە ئۇدا 1- بولدى.

  ■ قولتۇق رايونىنى نىشانلاپ، ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىلگەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى تېزلىتىش

  گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى پىلانلىغان، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلغان، ئۆزى تۈرتكە بولغان دۆلەت ئىستراتېگىيەسى.

  شياڭگاڭ- جۇخەي- ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىدە رەسمىي قاتناش باشلىنىشى ۋە گۇاڭجوۋ- شېنجېن- شياڭگاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ پۈتۈن لىنىيە بويىچە تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىدىكى ئادەم ئېقىمى، ئەشيا ئوبوروت سۈرئىتى زور دەرىجىدە تېزلىشىپ، يېڭى پۇرسەت كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالدى.

  چوڭ قولتۇق رايونىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش داۋاملىق تېزلىتىلمەكتە. شېنجېن- جۇڭشەن تونېلى، خۇمېن 2- كۆۋرۈكى، جۇجياڭ دېلتىسى تۈگۈنى گۇاڭجوۋ يېڭى ئايرودۇرۇمى، گۇاڭجوۋ پورتى، نەنشا پورت رايونىنىڭ 4- قارارلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئۇل ئەسلىھەلەر داغدۇغىلىق ئالغا سىلجىتىلماقتا.

  «باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاساس تۇتۇلسا، باشقا ئىشلارغا يول ئېچىلىدۇ، دېگەن. ھازىر پۈتكۈل گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ <ئاساس>نى مەھكەم تۇتۇپ، پۈتۈن ئۆلكىدىكى ھەرقايسى تەرەپ، ھەرقايسى ساھەدىكى خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولدى.» دېدى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى شياۋ شېڭفاڭ.

  «نەزەر دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ، نىشان تەلىپى تېخىمۇ يۇقىرى» بولغان گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن ھەمكارلىقىمۇ ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى گې چاڭۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: گۇاڭدۇڭ گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى خەلقئارا پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ، بۇ خېتاۋ رايونى شياڭگاڭ- شېنجېن پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش باغچە رايونى، خېڭچىن ئاۋمېن پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش باغچە رايونى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پىلانغا ئاساسلانغاندا، 1- باسقۇچتا ئاساس سېلىنىدۇ، 2- باسقۇچتا ئۈچ جاينىڭ قائىدىسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈلىدۇ، 3- باسقۇچتا 2035- يىلىغا بارغاندا خەلقئارادا بىرىنچى قاتاردىكى قولتۇق رايونى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىلىدۇ.

  ئۇزاق ۋاقىت غۇلغۇلا قىلىنغان، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى تەرەققىيات يىرىك پىلانى پات ئارىدا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، دۇنيا دەرىجىلىك بىر قولتۇق رايونى سەپەرگە ئاتلىنىش سۈرئىتىنى تېزلىتىدۇ.

  ■ يۇغۇرۇلۇش، تېزلىتىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى چىڭ تۇتۇش

  «سىرتتىن كەلگەن نوپۇسنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىش يوللىرى ۋە ئۇسۇلىنى كېڭەيتىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشقا ھەممە ئادەم قاتنىشىش، ھەممە ئادەم مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى گۇاڭدۇڭدىكى مىڭلىغان- ئون مىڭلىغان سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ بىر ئەزاسى بولغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جۇڭشەن شەھىرىدىكى شياخۇ ئېسىلزادىلەر كىيىم- كېچەك مەسئۇلىيەت چەكلىك شىركىتى خېرىدارلار مۇلازىمەت بۆلۈمىنىڭ باش نازارەتچىسى مى شۆمېيگە زور ئىلھام بولدى.

  بۈگۈنكى كۈندە، مى شۆمېيگە ئوخشاش شۇ جايدىكى سىرتتىن كەلگەن 27 مىڭ 500 خادىم نومۇر جەملەپ نوپۇسقا ئالدۇرۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى، سىرتتىن كەلگەن 91 مىڭدىن كۆپرەك خادىمنىڭ پەرزەنتلىرى نومۇر جەملەپ دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەرگە كىرىپ ئوقۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.

  يالغۇز ئاممىۋى مۇلازىمەتلا ئەمەس، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق بايلىق، مۇلازىمەت، باشقۇرۇش ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈلۈپ، ئاھالىلەر تۈجۈپىلەشتۈرۈلگەن، ئىنچىكىلەشتۈرۈلگەن مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەندى، بۇنىڭ بىلەن ھەممە كىشى قاتنىشىدىغان، ھەممە كىشى تولۇق كۈچ چىقىرىدىغان، ھەممە كىشى ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ۋەزىيىتى شەكىللىنىۋاتىدۇ.

  رايونلۇق، بازارلىق پارتكومنىڭ قوللىشىدا، 2014- يىلىدىن بۇيان، كەنتتىكى ئىشلار كەنت ئاھالىلىرى قۇرۇلتىيى ئارقىلىق كېڭىشىلىدىغان بولدى. چوڭ- كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسى مەسلىھەت بىلەن بېجىرىلىپ، بىر كەنتنىڭ «قالايمىقان بولۇش»تىن «تۈزەش»كە قاراپ بۇرۇلۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  ئىلگىرى مۇشۇ يەردە كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىقىنى ئۆتىگەن 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى شيەن رۇنشيا مۇنداق دېدى: «بۇلار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ يېتەكلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئامما ئادەتلەنگەن ئۇسۇل ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى مەسىلىلەر ھەل قىلىنىپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت كونا كېسەل ئوڭايلا ساقايتىلدى».

  باھاردا قەدەمنى پۇختا ئالغان گۇاڭدۇڭدىكى كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كۈرەش ئىرادىسىگە تولدى، جەنۇبىي گۇڭدۇڭ چوڭ تۇپرىقى قاينام- تاشقىنلىققا چۆمدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سەپىرىگە قايتا ئاتلىنىشنىڭ دەۋر دۇمبىقى چېلىندى.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گۇاڭجوۋ، 2- ئاينىڭ 15- كۈنى تېلېگراممىسى)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر