باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كۆپلىگەن تارماقلار كىنو ھوقۇقىغا چېقىلىش ۋە ئوغرىلىقچە كۆپەيتىپ تارقىتىشتەك قىلمىشلارغا بىرلىشىپ زەربە بەردى

2019.02.19 14:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 18- چېسلا دۆلەت نەشر ھوقۇقى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە: توردىكى تۈرلۈل كىنولارنىڭ ھوقۇققا چېقىلىش ۋە ئوغرىلىقچە كۆپەيتىپ تارقىتىلىشىدەك قىلمىشلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش مەسىلىسىگە قارىتا، دۆلەت نەشر ھوقۇقى ئىدارىسى ۋە دۆلەت كىنو ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، چاغان مەزگىلدىكى كىنوخانىلاردا قويۇلىدىغان كىنولارنىڭ نەشىر ھوقۇقىنى قوغداشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، توردا ھوقۇققا چېقىلىش ۋە ئوغرىلىقچە كۆپەيتىپ تارقىتىشتەك قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بەردى. 2- ئاينىڭ 17- كۈنى كەچتە، ئالاقىدار تارماقلارھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشى خاراكتېرىدىكى ئۇلىنىشلاردىن 7699ىنى بىر تەرەپ قىلغان بولۇپ، كۈندىلىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشى خاراكتېرىدىكى ئۇلىنىشلار زور دەرىجىدە ئازايتىلدى.

  2019- يىلى چاغان مەزگىلىدە، دۆلىتىمىزدە ئىشلىنىپ دۆلەت ئىچىدىكى كىنوخانىلاردا قويۇلغان «سەرگەردان يەر شارى» قاتارلىق سەككىز كىنو ئالقىشقا ئېرىشكەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە كىنونىڭ ئوغرىلىقچە كۆپەيتىپ تارقىتىلىشىدەك مەسىلىسىمۇ جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ساپ بولغان تور ھوقۇقى تەرتىپىنى قوغداپ، كىنو كەسپىنىڭ ساغلام گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، دۆلەت نەشر ھوقۇقى ئىدارىسى ۋە دۆلەت كىنو ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار كۆپ خىل ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللاندى. بۇنىڭدا، بىرىنچىدىن، ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ ۋە ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىشتەك ئۇسۇللار ئارقىلىق قوغداش. 2- ئاينىڭ 2 - كۈنى، دۆلەت نەشر ھوقۇقى ئىدارىسى «2019- يىللىق تۇنجى تۈركۈمدىكى نۇقتىلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقىنى قوغداش ۋە سىگنال بېرىش تىزىملىكى»نى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇ تىزىملىكتە ھەر خىل تور مۇلازىمەت سودىگەرلىرى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ھوقۇققا چېقىلىش ۋە ئوغرىلىقچە كۆپەيتىپ تارقىتىش دېگەندەك قىلمىشلارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى؛ ئىككىنچىدىن، كۆزىتىپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىش. دۆلەت نەشر ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ تەلىپى بويىچە، جۇڭگو نەشر ھوقۇقى جەمئىيىتى تەكشۈرۈش مەركىزى قاتارلىق كەسپىي ئاپپاراتلارنىڭ فىلىم ھوقۇقىغا چېقىلىش قىلمىشىنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى؛ ئۈچىنچىدىن، ھوقۇققا چېقىلىش خاراكتېرىدىكى ئۇلىنىشلارنى تېزدىن بىر تەرەپ قىلىش. باھار بايرىمى مەزگىلدە، دۆلەت نەشر ھوقۇقى ئىدارىسى دىجۈرنىلىك قىلىشنى ۋە كۆپ لىنىيەلىك تاقابىل تۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆپ خىل يوللار ۋە كۆپلىگەن مۇلازىمەت سۇپىلىرى ئارقىلىق، ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىغا ئائىت تۈرلۈك يىپ ئۇچلىرىنى توپلاپ، ھوقۇققا چېقىلىش مەزمۇنىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

  كېيىنكى قەدەمدە، دۆلەت نەشر ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ باشچىلىقىدا، دۆلەتلىك كىنو ئىدارىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، ئوغرىلىقچە كۆپەيتىپ تارقىتىشنىڭ مەنبەسى چوڭقۇر قېزىپ چىقىرىلىپ، كىنوخانىلاردا ئوغرىلىقچە كۆچۈرۈپ ئېلىشتەك قىلمىشلارغا بولغان زەربە بېرىش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، ئوغرىلىقچە كۆپەيتىلگەن كىنولارنى ساتىدىغان ۋە تارقىتىدىغان توربەتلەر، APPلار، ئۈندىدار جامائەت سۇپىلىرى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى قاتارلىقلار قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلار جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ، ھەمدە ئۇنداقلارنىڭ قىلمىشلىرى جىنايى ئىشلار بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؛ ئالاقىدار دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن بولغان قانۇن ئىجرا قىلىشتىكى ھەمكارلىق يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، چېگرا ھالقىغان تور ئارقىلىق ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىغا ئورتاق زەربە بېرىلىپ، ھەر قايسى چوڭ تور سۇپىلىرىنىڭ كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىنىپ، پاش قىلىش ۋە ئەرز قىلىش كۆزنىكى تەسىس قىلىنىپ، ھوقۇق ئىگىسىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش تېزدىن قوبۇل قىلىنىدۇ؛ ھوقۇققا چېقىلىش ۋە ئوغرىلىقچە كۆپەيتىپ تارقىتىش قىلمىشلىرىغا ياردەم بەرگەن تور مۇلازىمەت سودىگەرلىرىنىڭ ئالاقىدار قانۇنىي جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر