باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلان تېزىسى»نى بېسىپ تارقاتتى

2019.02.19 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلان تېزىسى»نى بېسىپ تارقاتتى ۋە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ۋە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ گۇاڭجوۋ شەھىرى، شېنجېن شەھىرى، جۇخەي شەھىرى، فوشەن شەھىرى، خۇيجوۋ شەھىرى، دوڭۋەن شەھىرى، جۇڭشەن شەھىرى، جياڭمېن شەھىرى ، جاۋچىڭ شەھىرى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ جۇجياڭ دېلتىسىدىكى توققۇز شەھەر دېيىلىدۇ)نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئومۇمىي كۆلىمى 56 مىڭ كۋادىرات كىلومېتىر، 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى نوپۇسى تەخمىنەن 70 مىليون كىشى بولۇپ، ئېلىمىزدىكى ئېچىۋېتىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، ئىقتىسادىي ھاياتىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك رايونلارنىڭ بىرى، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە. گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇش يېڭى دەۋردە ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ يېڭى سىنىقى، شۇنداقلا «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ يېڭى ئەمەلىيىتى. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېننىڭ ئۇنىۋېرسال ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن شياڭگاڭ-ئاۋمېننىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى تۈۋرۈكلۈك، يېتەكچىلىك رولىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە سىڭىشىشىنى قوللاپ، شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئاۋاتلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارنىڭ ۋەتەن خەلقى بىلەن بىرگە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىي مەسئۇلىيىتىنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىشى، ۋەتەننىڭ گۈللىنىپ قۇدرەت تېپىش ئۇلۇغ شەرىپىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشى ئۈچۈن، بۇ يىرىك پىلان تۈزۈلدى.

  بۇ يىرىك پىلان گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك ھەمكارلىق تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. يىرىك پىلان يېقىنقى مەزگىلدە 2022-يىلىغچە، يىراق مەزگىلدە 2035-يىلىغىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر