2-ئاينىڭ 18-كۈنى، كورېيە سىئولدا، بىر ئېكسكۇرسىيەچى كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەردىن ھۇزۇرلانماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ كورېيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى، سىئول شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان جۇڭگو-كورېيە ساياھەت سۈرەتلىرى كۆرگەزمىسى 18- فېۋرال سېئولدا باشلاندى. كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەر مول مەزمۇن ۋە كۆپ مەنبەلىك كۆرۈش نەزەرى ئارقىلىق، ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە جۇڭگو-كورېيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاھىدىلىككە ئىگە مەنزىرىلىرىنى نامايان قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى