باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلارنىڭ دەم ئېلىشى قىيىنمۇ؟ (كادىرلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى كۆزىتىش)

2019.02.19 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈستىدە مىڭ تال يىپ ئاستىدا بىر تال يىڭنە. « 5 + 2»،«كۈندۈزنى كېچىگە ئۇلاش»، بۇھازىر ئاساسىي قاتلامدىكى بەزى كادىرلارنىڭ دائىملىق ھالىتىگە ئايلاندى. دەم ئېلىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەمەلىيەتتە كادىرلارغا غەمخورلۇق قىلىشنىڭ كونكرېت تەدبىرى بولۇپ، ئۇ، كادىرلارنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقىنى قوزغاشقا پايدىلىق.

  چاغانلىق دەم ئېلىشنىڭ ئاياقلىشىشى بىلەن، يۈەنشياۋ بايرىمى يەنە يېتىپ كەلدى. بۇ تەتىلدە، كادىرلارنىڭ دەم ئېلىشى نورمال بولامدۇ؟ دەم ئېلىش كۈنى خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن ئىش ئورنىدىن ئايرىلماي ئىشلەۋاتقان كادىرلارنىڭ دەم ئېلىشىغا قانداق قارايسىز؟ مۇخبىر كۆپ جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.

  --مۇھەررى

  بۈگۈنكى كۈندە، رەھبەرنىڭ كادىرلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ئېڭى بىر قەدەر كۈچلۈك. باھار بايرىمىدىلا ئەمەس، باشقا بايرام ۋە قوش دەم ئېلىش كۈنلىرىدىمۇ ناۋادا پەقەت جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك مۇھىم ۋەزىپىلەر بولمىسىلا، دەم ئېلىش ۋاقتىغا يەنىلا كاپالەت قىلغىلى بولىدۇ.خې مىڭجيې مۇنداق دېدى.

  كادىرلارنىڭ دەم ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئېڭى ئاستا-ئاستا يىتىلىدۇ. يېقىنقى يىللادىن بۇيان، گۇاڭشى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ دەم ئېلىشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈش جەھەتتە نۇرغۇن كونكرېت تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، 2013- يىلىدىن باشلاپ، گۇاڭشى ھەر يىلى يازلىق تەتىلدە پۈتۈن ئورگاندىكى كادىرلارنى 8- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 20- كۈنىگىچە 2-تۈركۈمگە ئايرىپ مەركەزلەشتۇرۇپ دەم ئېلىشنى ئورۇنلاشتۇرغان، رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن دەم ئېلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئورگان ۋە كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ دەم ئېلىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن سانى يىلدىن-يىلغا كۆپەيدى.

  دەم ئېلىش كاپالەتكە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى تېخىمۇ كۆپ چاغلاردا يەنىلا ئالدىراش. خىزمەت كۈنلىرىدە ئىش قوشۇپ ئىشلەش ئەھۋالى بىر قەدەر كۆپ، ۋاقتىدا ئىشتىن چۈشكەن كۈنلىرى بەك ئاز. لى شاۋخۇا مۇنداق دېدى: نۇرغۇن دېھقانلار كۈندۈزى دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلغىلى كېتىدىغان بولغاچقا، كادىرلار كەنت ۋە ئائىلىلەرگە بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى كېچىدە قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ، چوقۇم قوشۇپ ئىشلىشى كېرەك. بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرىۋاتىمىز، ئازراقمۇ بوشاڭلىق قىلىشقا ۋە نارازى بولۇشقا بولمايدۇ.

  گەرچە ئەھۋال بۇرۇنقىغا قارىغاندا كۆپ ياخشى بولغان بولسىمۇ، ئەمما يەنە بەزى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر مەۋجۇت. خې مىڭجيې مۇنداق دېدى: مەسىلەن، تەكرار-تەكرار ئېچىلىدىغان يىغىنلار نۇرغۇن خىزمەت ۋاقتىنى ئىگىلىۋالىدۇ، بەزىدە رايون ئىچىدە بىر تۇتاش ئېچىلغان سىن يىغىنلىرىغا قاتنىشىشقا توغرا كېلىدۇ، شەھەردە يەنە بىر ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلسا، يەنە قاتنىشىش لازىم، ناھىيە ئىچىدە يەنە بىر يىغىن ئېچىلسا، تېخىمۇ قاتنىشىش لازىم، ئەۋجىگە چىققان چاغدا ھەر ھەپتىدە ئۈچ كۈن يىغىن ئاچىمىز، ئۆز خىزمىتىمىزنى پەقەت قوشۇپ ئىشلەپ تاماملايمىز، بۇنىڭدا دەم ئېلىشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ بىز ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك جايلار. ئورۇنسىز يىغىنلارنى ئىخچاملاپ، خىزمەتنى تېخىمۇ ئىلمىي ۋە مۇۋاپىق ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرگەندىلا، دەم ئېلىش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

  مۇخبىرىمىز زىيارەت جەريانىدا مۇنۇلارنى بايقىدى: ئىلگىرىكى مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىش تىلغا ئېلىنغاندا، ئاساسىي قاتلامدىكى بەزى كادىرلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خىزمەت ۋەزىپىسى ئېغىر ئادەم ھەقىقەتەن يىللىق دەم ئېلىشقا ۋاقتى يوق، خىزمەتنى تاشلاپ قويالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن، دەم ئېلىشتىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋاز كىچىدۇ. لېكىن، بەزى كىشىلەر شەخسىي ئىش ۋە كېسەل رۇخسىتىنى ئېلىشنى خالايدۇكى، يىللىق دەم ئېلىشنى تاللاشنى خالىمايدۇ، چۈنكى، بۇنداق بولغاندا، يىللىق دەم ئېلىشنى ئالمىغاننىڭ تولۇقلىمىسىغا ئېرىشەلمەيدۇ.

  شياۋ ۋاڭ مۇنداق دېدى:«ياخشى بولغىنى شۇكى، شەھەردە مائاشلىق دەم ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىشقا ئائىت سىياسەتلەر ئۈزلۈكسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈۋاتىدۇ»، مەسىلەن، بۇلتۇر يازدا، شەھەرلىك پارتكوم «رەھبىرىي كادىرلارنىڭ يىللىق دەم ئېلىش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى چۈشۈرۈپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ باشلامچىلىق بىلەن دەم ئېلىشىنى ئېنىق تەشەببۇس قىلدى، ھەمدە قوشۇمچە ياردەم پۇلى تارقىتىش ئۆلچىمىنى قېلىپلاشتۇردى. «رەھبەرلەرنىڭ باشلامچىلىق بىلەن دەم ئېلىشى بىزگە نىسبەتەن بىر ئۈلگە. ئەگەر ئىشىمىزچىقىپ قېلىپ، دەم ئېلىشقا مۇھتاج بولساق، بىزمۇ مائاشلىق دەم ئېلىشنى خالايمىز».

  ئۇقتۇرۇش تارقىتىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، بۇ شەھەردىكى مەلۇم رايوننىڭ رەھبىرىي كادىرى ئۆيدىكىلەر بىلەن بىللە ساياھەتكە چىقىشنى تاللىدى، يەنە بىر رايونغا مەسئۇل كادىرمۇ گۇيۈەندىكى يۇرتىغا قايتىپ ئاتا-ئانىسىغا بىر ھەپتەھەمراھ بولۇشنى تاللىدى. بۇ كادىر مۇنداق دېدى: ئىلگىرى سەل بىكار بولۇپ قالغان تەقدىردىمۇ، دەم ئېلىش سەۋەبىدىن خىزمەت سۈرئىتىگە تەسىر كۆرسىتىشتىن ئەندىشە قىلاتتۇق، ھەتتا «دەم ئېلىشقا ئىلتىماس قىلىشتىن خىجىل بولۇش» ئەھۋالى مەۋجۇت ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە، «چوقۇم دەم ئېلىش كېرەك!» بولدى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلىرىنىڭ خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئۇششاق-چۈششەك ھەم مۇرەككەپ بولۇپ،يېزا-بازارلار ۋە كوچىلارنىڭ باشلىقلىرى ۋە بەنزە ئەزالىرىنىڭ دەم ئېلىشى بىر قەدەر قىيىن ئىكەن، لېكىن، ئادەتتە قول ئاستىدىكىلەرنىڭ دەم ئېلىش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن، ئەگەر ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ئەھۋالىغا توغرا كەلسە، ئامال بار بىكار ۋاقىتلاردا تولۇقلاپ دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ئادەتتە ئوبيېكتىپ ۋەزىپىدىن سىرت، تېخىمۇ كۆپ ھاللاردا سۇبيېكتىپ مەسئۇلىيەت ۋە خالاشتىن كېلىدىكەن.

  بىر كوچا باشقارمىسنىڭ مۇدىرى مۇنداق دېدى: خىزمەت خاراكتېرى تۈپەيلىدىن، كوچا باشقارمىسى خىزمىتىنىڭ ئېلاستىكىلىقى بىر قەدەر چوڭ، «بىز قول ئاستىمىزدىكىلەرنىڭ دەم ئېلىشىغا ئىلھام بېرىمىز، ھەمئۇنىڭغا ئاساسى جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلالايمىز. ئەگەر جىددىي ۋەزىپە چىقىپ قېلىپ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە توغرا كەلسە، بىزمۇ ئامال بار ئالدىراش ئەمەس چاغلاردا كادىرلارنى ئارام ئالدۇرىمىز. لېكىن، كوچا باشقارمىسى بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى ئۈستىگە ئالغان خىزمەت مىقدارى چوڭراق بولۇپ، نۇرغۇن ئىشلارغا تەدبىر بەلگىلەپ، ئورۇنلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، ئاساسىي جەھەتتىن ھەرقانداق ۋاقىتتا بۇيرۇق كۈتىدۇ».

  «بىزدەك بۇنداقپېشقەدەم كوچا باشقارمىسى كادىرلىرىنىڭ ھەر كۈنى بىر تەرەپ قىلىدىغىنى دەل مۇشۇنداق پارچە-پۇرات ئىشلار، بايرام كۈنلىرى ھەممىمىز روھىي ھالەت جەھەتتىن بايرام ئۆتكۈزىمىز، ئىدىيە جەھەتتە جىددىي تۇرىمىز، خىزمەت ئورنىمىزنى چىڭ ساقلايمىز. ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ۋە دەم ئېلىش ئاز بولۇشتەك ھادىسىگە مەن ئەكسىچە ئاكتىپ روھىي ھالەت بىلەن مۇئامىلە قىلىمەن. تۈزۈمنى ئىجرا قىلىش كېرەك، لېكىن، ئاساسىي قاتلامغا ئۆزىنى بېغىشلاش روھى كەم بولسا بولمايدۇ».

  لياۋنىڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، تەتقىقاتچى موۋ دەينىڭ قارىشىچە، ھەر دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ دەم ئېلىش بەلگىلىمىسىنى قانۇن بويىچە قاتتىق ئىجرا قىلىشى مەمۇرلارنىڭ ئاكتىپ ۋە ساغلام خىزمەت ھالىتىنىڭ كاپالىتىدۇر. كادىرلارنىڭ دەم ئېلىش تۈزۈمىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدىكى خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، زۆرۈر بولمىغان ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەشنى توسۇش كېرەك. ئۇندىن باشقا، ئورۇن يۆتكەپ ئىشلىتىلگەن خادىملارنىڭ دەم ئېلىش ۋە ياردەم پۇلى تۈزۈملىرىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر