2-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئىتالىيەنىڭ ۋېنىتسىيە شەھىرىدە، كاماكانا نىقاب دۇكىنىنىڭ قۇرغۇچىسى مارىيو بېلونى مېھمانلارغا ۋېنىتسىيە نىقابىنى ئىشلەش ھۈنەر-سەنئىتىنى تونۇشتۇرماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋېنىتسىيە شادلىق بايرىمى ئىتالىيەنىڭ شىمالىدىكى سۇ شەھىرى ۋېنىتسىيەدە ئۆتكۈزۈلدى، چوڭ-كىچىك كوچىلار ھەشەمەتلىك كىيىنگەن، نەپىس نىقاب تاقىغان شادىمان كىشىلەر بىلەن لىق تولدى، كىشىلەر بايرام شادلىقىغا چۆمۈلدى. نىقاپ ۋېنىتسىيە شادلىق بايرىمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى، شۇنداقلا ساياھەتچىلەرنى ئەڭ قىزىقتۇرىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى