باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا نامايىش پائالىيتى يۈز بېرىپ، تىرامپنىڭ مەمۇرى ھوقۇققىنى يولغا قويۇپ مەبلەغ توپلاپ پاسىل تام ياسىشىغا ئىتراز بىلدۈردى

2019.02.20 16:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن جايلىردا مۇشۇ ئاينىڭ 18 - كۈنى نامايىش ئۆتكۈزۈلۈپ، زۇڭتۇڭ ترامپنىڭ جەنۇبى چېگرادا دۆلەتلىك جىددىي ھالەتنىڭ كېلىپ چىققانلىقىنى جاكارلاپ، پارلامېنتتىن ئەگىپ ئۆتۈپ ئامېرىكا - مېكسىكا چېگراسىغا پاسىل تام ياساشقا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ توپلىغانلىقىغا ئىتراز بىلدۈردى.

  شۇ كۈنى چۇشتىن بۇرۇن، نەچچە يۈز ئىتراز بىلدۈرگۈچى ئاق ساراينىڭ شىمالىدىكى لابېرت مەيدانىدا نامايىش ئۆتكۈزدى، بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن كىشىلەر قوللىرىغا «يالغان جىددىي ھالەتنى توختىتايلى»، «بىز كۆچمەنلەر بىلەن بىرگە» دېگەن شوئارلار يېزىلغان لوزىنكىلارنى كۆتۈردى، ئۇلار يەنە شوئار توۋلاپ، تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتىگە ھۇجۇم قىلدى.

  مارىلاند شىتاتىدىن كەلگەن ئىتراز بىلدۈرگۇچى دىك نېۋمان مۇنداق دېدى: ترامپ مەمۇرىي ھوقۇقىنى ئىشقا سېلىپ مەبلەغ توپلاپ پاسىل تام ياسىشى ئامېرىكىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، پاسىل تام ياساشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇنىڭ جىددى ئىش ئىكەنلىكىدىن تېخىمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. بۇ ئىش پۈتۈنلەي، كونسېرۋاتىپلار لاگېرىنىڭ قوللاش نىسبىتىنى مۇستەھكەملەشنى مەقسەت قىلغان.

  نامايىشنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە: مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نامايىش پائالىيتى شۇ كۈنى يەنە نيۇيورك، چىكاگو، لوس ئانجىلىس قاتارلىق نۇرغۇن يەرلەردە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، نامايىشقا نەچچە ئونمىڭ كىشى قاتناشقان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر