باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مېركىل خەلقئارانىڭ ھەمكارلىشىپ تۈرلۈك خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى

2019.02.20 16:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل تۈنۈگۈن ميۇنخىن خەۋپسىزلىك يىغىنىدا نۆۋەتتىكى يەر شارى بىرتەرەپچىلىك خاھىشى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ چىقىرىپ، خەلقئارانىڭ ھەمكارلىشىپ تۈرلۈك خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ سودا ۋە بىخەتەرلىك قاتارلىق سىياسىتىنى ئەيىبلىدى.

  مېركىل سۆزىدە مۇنداق دېدى: 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئورنىتىلغان خەلقئارا تەرتىپ غايەت زور بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە، ئىسلاھ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئەمما بۇ تەرتىپنى قەتئىي بۇزماسلىق كېرەك. بۇ نۆۋەتلىك ميۇنخىن خەۋپسىزلىك يىغىنىدا دۇنيا «يەر شارى تىزما رەسىمى»گە ئۆزگەرمەكتە، يەر شارى ھەمكارلاشقاندىلا، بۇ رەسىمنى ياخشى تىزغىلى بولىدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  مېركىل جۇڭگونىڭ ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بەرگەنلىكىنى ماختاپ: گېرمانىيە جۇڭگونىڭ مۇناسىۋەتلىك تەجرىبە ئۇسۇلىنى ئۈگىنىشى كېرەك، دەپ ھېسابلىدى. ئۇ يەنە ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىنى ساقلاپ قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى. ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش قارارىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر