- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى: رۇسىيە خەۋىپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2254-نومۇرلۇق قارارىنى سۇرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مەيدانى توغرىسىدىكى ھۆججەت دەپ قارايدۇ
2019.02.20 16:26 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف مۇشۇ ئاينىڭ 18-كۈنى، رۇسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2254-نومۇرلۇق قارارىنى سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مەيدانى توغرىسىدىكى ھۆججەت دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
لاۋروف سۇرىيەدە قولغا ئېلىنغان نەچچە يۈز چەتئەللىك تېررورچى قوراللىق ئۇنسۇرغا قارتا مۇنداق دېدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار قارارلىرىدا بۇنىڭغا قارىتا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى، ئامېرىكا، ئالاقىدار قارارلارغا ئەمەل قىلىشى ھەمدە بۇ كىشىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرنى تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا: ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاق ۋە سۈرىيە كورد قۇراللىق كۈچلىرى قوماندانلىقىدىكى سۇرىيە دېمكۇراتىك ئارمىيەسى « ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىش جەريانىدا، جەمئىي نەچچەئون دۆلەتتىن كەلگەن نەچچە يۈز چەتئەللىك تېررورچى قوراللىق ئۇنسۇرنى قولغا ئالغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر