باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز جۇڭگو پۇقراسىنىڭ پىل چىشى ئەتكەسچىلىك دېلوسىنى تانزانىيەنىڭ قانۇنى بويىچە ئادىل تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى ۋە سوت قىلىشىنى قوللايمىز، دېدى

2019.02.21 13:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەۋەردە دېيىلگەن تانزانىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ جۇڭگو پۇقراسى ياڭ فېڭلەننىڭ پىل چىشى ئەتكەسچىلىكى قىلغانلىقى سەۋەبلىك ئۇنىڭغا مۇددەتلىك 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىغا قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 20-فېۋرال، تانزانىيەدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بۇ دېلونى قانۇن بويىچە، ئادىل تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە قاراپ چىقىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شۇ كۈنىدىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: خەۋەر قىلىنىشىچە، «پىل چىشى ئايال پادىشاھى» دەپ لەقەم قويۇلغان جۇڭگولۇق ئايال سودىگەر ياڭ فېڭلەن سەيشەنبە كۈنى تانزانىيە سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، ئۇ ئىككى توننا ئەتراپىدا پىل چىشى ئەتكەسچىلىكى قىلدى، دەپ شىكايەت قىلىنغان. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋان، ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداشقا ئىزچىل يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، «يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋان، ئۆسۈملۈك تۈرى خەلقئارا سودا ئەھدىنامىسى»غا ئاساسەن ئۈستىگە ئالغان خەلقئارا مەجبۇرىيىتىنى قاتتىق ئادا قىلىدۇ. بىز ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى، ئورمان قانۇنى، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر ئىمپورت-ئېكىسپورتىنى باشقۇرۇش نىزامىنى يادرو قىلغان دۆلەت ئىچىدىكى قانۇن- نىزام سىستېمىسىنى تۈزۈپ چىقتۇق.

  «2015-يىلىدىن بۇيان، جۇڭگو ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ پىل چىشى ئويمىچىلىق بۇيۇمى، ئوۋ ئوۋلاش يادنامىسى قىلىنغان پىل چىشى ئىمپورت قىلىشنى توختىتىش ۋە دۆلەت ئىچىدىكى پىل چىشىنى سودا خاراكتېرلىك پىششىقلاپ ئىشلەش، سېتىشنى توختىتىشتىكى تەدبىرلەرنى ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى». گېڭ شۇاڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋانات- ئۆسۈملۈك ۋە ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ قانۇنسىز سودىسىغا قاتنىشىش قىلمىشلىرىغا «قەتئىي تاقەت قىلماسلىق» پوزىتسىيەسىدە بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك جىنايەتچىلەرنى قانۇن بويىچە قەتئىي جازالايدۇ.

  گېڭ شۇاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى چەت ئەلدىكى جۇڭگو پۇقرالىرىدىن شۇ يەرنىڭ قانۇن– نىزاملىرىغا رىئايە قىلىشنى ئىزچىل تەلەپ قىلىپ كەلدى، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلىرىنى قانات ئاستىغا ئالمايدۇ، تانزانىيەدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بۇ دېلونى قانۇن بويىچە، ئادىل تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە قاراپ چىقىشىنى قوللايدۇ. «جۇڭگو تەرەپ تانزانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋانات- ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش ۋە قانۇنسىز سودىنى توسۇش ئۈچۈن داۋاملىق تۆھپە قوشىدۇ».

  گېڭ شۇاڭ: «بۇ يەردە مەن ئافرىقا دۆلەتلىرىگە بارغان جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ قانۇنغا رىئايە قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پىل چىشى، كەركىدان مۈڭگۈزى قاتارلىق ئەتىۋارلىق ياۋايى ھايۋاناتلار ئەزاسىدىن ياسالغان بۇيۇملارنى ھەرگىز سېتىۋالماسلىقىنى ياكى ئېلىپ يۈرمەسلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىمەن»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر