باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كەسپىي مائارىپ ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى

ئېلىمىز 1+ X گۇۋاھنامە تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىدۇ

2019.02.20 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 19-فېۋرال مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، گوۋۇيۈەن يېقىندا بېسىپ تارقاتقان «دۆلەت كەسپىي مائارىپ ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلىدۇ)دە كەسپىي مەكتەپلەر، قوللىنىشچان تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپلىرىدە «ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى + بىر قانچە كەسپىي تېخنىكا دەرىجىسى گۇۋاھنامىسى» (يەنى 1+ X گۇۋاھنامە) تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغانلىقى دېيىلگەنىدى، بۇ خىزمەت 3-ئايدا يولغا قويۇلىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلىشىچە، 1+ X گۇۋاھنامە تۈزۈمى ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى ئېلىش بىلەن بىرگە، تۈرلۈك كەسپىي تېخنىكا دەرىجىسى گۇۋاھنامىسى ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرىكەن. نۇقتىدا سىناق قىلىش بەش ساھەدىكى گۇۋاھنامىدىن باشلىنىدىكەن، بۇ يىل ئىچىدە تەخمىنەن ئون ساھەدە يولغا قويۇلۇپ، قىسمەن رايونلار شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان مەكتەپلەردە نۇقتىدا سىناق قىلىدىكەن، نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان ئۆلكىلەر ئۆزى ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇلى بويىچە بېكىتىلىپ، نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان مەكتەپلەر ئۆزى ئىلتىماس قىلىش ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى كۆرسىتىش ئۇسۇلى بويىچە بېكىتىلىدىكەن، نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمىگەن ئۆلكە ۋە مەكتەپلەر دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئۆلچىمى ۋە تەلىپى بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى ئۆز ئالدىغا يولغا قويسا بولىدىكەن.

  «لايىھە»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى يەنە «قوش سالاھىيەتلىك» ئالاھىدە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. «يېڭى دەۋردىكى كەسپىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى مۇھاكىمە قىلىپ تۈزۈپ چىقىپ، قاتلام، تۈرگە ئايرىلغان كەسپىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەسىپ ئۆلچىمى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى «قوش سالاھىيەتلىك» ئوقۇتقۇچىلار ساپاسىنىڭ دۆلەت تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، «قوش سالاھىيەتلىك» ئوقۇتقۇچى سالاھىيىتى ئىجازىتى، تەيىنلەش باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە يەنە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى كەسىپ تەرەققىياتىغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان ئىختىساس ئىگىلىرىگە مايىللاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قوللىنىشچان، تېخنىكا-ماھارەت ۋە بىرىكمە تىپىدىكى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش نىسبىتىنى ئۆستۈرىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر