باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسى تەڭشىلىپ، جاننى قۇتقۇزىدىغان تېخىمۇ كۆپ دورىلار كىرگۈزۈلىدۇ

2019.02.20 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا دورا ئىشلىتىش دائىرىسىنى باشقۇرۇش چارىسى» تەتقىق قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ؛ ئاممىنىڭ كىلىنىكىدىكى جىددىي ئېھتىياجلىق راكقا قارشى يېڭى دورىسىنى بازارغا سېلىش تېزلىتىلىدۇ

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ راكقا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى، ئۆلۈش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، ئاغرىقلارنىڭ ئائىلىسىگە زور ئىقتىسادىي يۈك ئېلىپ كەلدى. گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ 19-فېۋرال ئۆتكۈزگەن قەرەللىك خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، ئېلىمىزنىڭ راكتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنىڭ ئالاقىدار ئەھۋاللىرى تونۇشتۇرۇلدى.

  مۇخبىرنىڭ يىغىندىن ئۇقۇشىچە، ئېلىمىز بۇ يىل يېڭى بىر نۆۋەتلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسىنى تەڭشەشنى يولغا قويۇپ، شەرتكە ئۇيغۇن، جىددىي، جاننى قۇتقۇزىدىغان تېخىمۇ كۆپ ياخشى دورىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزىدىكەن، شۇنداقلا 2-تۈركۈم كىلىنىكىدا جىددىي ئېھتىياجلىق چېگرا سىرتىدىكى يېڭى دورا سورتلىرىنى تاللاپ، بازارغا سېلىشنى تېزلىتىپ، مەملىكەت بويىچە راك كېسەللىك مېسالىنى تىزىملاش سىستېمىسى بەرپا قىلىدىكەن.شەرتكە ئۇيغۇن تېخىمۇ كۆپ جاننى قۇتقۇزۇش دورىسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دورا مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ

  راكقا قارشى دورىلارنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزۈش جەمئىيەت ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان قىزىق نۇقتىلىق تېما. دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى دورىگەرلىك مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى شيۇڭ شيەنجۈن يىغىندا مۇنداق دېدى: 2019-يىلى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دورا مۇندەرىجىسى تەڭشىلىدۇ. كىلىنىكا ئېھتىياجى بىلەن داۋالاش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ياخشى ساقلاش ئارقىلىق شەرتكە ئۇيغۇن كېلدىغان تېخىمۇ كۆپ جىددىي، جان قۇتقۇزىدىغان ياخشى دورا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دورا مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، «ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا دورا ئىشلىتىش دائىرىسىنى باشقۇرۇش چارىسى» تەتقىق قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، دورا ئىجازىتى ئاساسىي شەرتى، مۇتەخەسسىسلەر باھالاش تەرتىپى ۋە سۆھبەتلىشىش تەرتىپىگە ئېنىق بەلگىلىمە بېكىتىلىپ، باشقۇرۇش چارىسىدا دورىنى ھەرىكەتلىك تەڭشەش مېخانىزمى ئېنىق ئورنىتىلىدۇ.

  ئېلىمىز مەملىكەت بويىچە راك كېسەللىك مېسالىنى تىزىملاش سىستېمىسى بەرپا قىلىدۇ

  دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى بىن يىغىندا مۇنداق دېدى: كېينكى قەدەمدە ئۆسمە كېسەللىكلىرىنى تىزىملاپ دوكلات قىلىش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. ئۆسمە كېسەللىكلىرىنى تىزىملاش خىزمىتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق ناھىيە، رايونلارنى ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت راك كېسەللىكلىرى چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسى قۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىغان راك كېسەللىك مېسالىنى تىزىملاش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئالاقىدار نازارەت قىلىش سىستېمىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئالماشتۇرۇش ۋە ئورتاق بەھرىلىنىپ پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ راك كېسلى بولۇش ئەھۋالىنى ۋاقىتىدا ئىگىلەيدۇ

  2-تۈركۈمدىكى كىلىنىكىدا جىددىي ئېھتىياجلىق چېگرا سىرتىدىكى يېڭى دورىلار تاللىنىدۇ

  بۇلتۇر، دۆلەت دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى «1-تۈركۈم كىلىنىكىدا جىددىي ئېھتىياجلىق چېگرا سىرتدىكى يېڭى دورىلار تىزىملىكى»نى ئېلان قىلىپ، كىلىنىكىدا جىددىي ئېھتىياجلىق چېگرا سىرتىدىكى 40 يېڭى دورا بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلۈپ، دورا باھالاش مەخسۇس يولى ئارقىلىق تەسىتىقلاپ بازارغا سېلىش تېزلىتىلدى. دۆلەت دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى دورا رويخەت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ پىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل داۋاملىق مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ 2-تۈركۈمدىكى كىلىنىكىدا جىددىي ئېھتىياجلىق چېگرا سىرتىدىكى يېڭى دورىلار تاللىنىپ، مەخسۇس يولغا كىرگۈزۈلۈپ، بازارغا سېلىش سۈرئىتى تېزلىتىلىدۇ، ھازىر بۇ تۈرلۈك خىزمەت تەرتىپ بويىچە ئىلگىرى سۈرۈلىۋاتىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر