باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

لاۋروف: 21-ئەسىردە ھەرقايسى دۆلەتلەر بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ كىرىزىسنى ھەل قىلىشى كېرەك

2019.02.20 16:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنستىرى لاۋروف تۈنۈگۈن ميۇنخىن خەۋپسىزلىك يىغىنىدا مۇنداق دېدى: 21-ئەسىردە ھەرقايسى دۆلەتلەر بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ كىرىزىسنى ھەل قىلىشى، مۇستەملىكە دەۋرى ۋە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرى تەپەككۇرىدا بولماسلىقى كېرەك.

  ئۇ مۇنداق دېدى: يەر شارى نۆۋەتتە خەتەرلىك مەزگىلگە كىردى، كونا كىرىزىس چوڭقۇرلىشىپ، يېڭى كىرىزىس پەيدا بولماقتا. بىر قىسىم قىزىق نۇقتىلىق رايونلاردا رۇسىيەنىڭ قاتنىشىشى ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ئامىل. نۆۋەتتە بىر قىسىم كىرىزىسنى ھەل قىلماقچى بولغان قارارلار شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئوتتۇرىغا قويغان ياۋروپا-ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا پايدىلىق، رايون بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر