باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە ئەمەلدارى: «بىر بەلباغ، بىر يول» رۇسىيەنىڭ دۆلەت تۈرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا پايدىلىق

2019.02.22 08:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات مىنىستىرى ئورېشكىن 2-ئاينىڭ 20-كۈنى موسكۋادا مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى رۇسىيەنىڭ دۆلەت تۈرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا پايدىلىق، ياۋروپا-ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تۇتاشتۇرۇشتىكى توساقنى ئازايتىش- ياۋروپا-ئاسىيانىڭ بىرلىككە كەلگەن ئىقتىسادىي بوشلۇقنى راۋاجلاندۇرۇشقا پايدىلىق.

  رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 2-ئاينىڭ 20-كۈنى پارلامېنت يۇقىرى تۆۋەن پالاتاسىغا دۆلەت ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات بەردى. ئورېشكىن نەق مەيداندا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى رۇسىيەنىڭ دۆلەت تۈرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا پايدىلىق. رۇسىيە جۇڭگوغا قىلىدىغان مەھسۇلات ئېكسپورتىنى داۋاملىق ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ رۇسىيەنىڭ دۆلەت تۈرىدىكى ئېكسپورتقا ئالاقىدار نىشانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ پەن-تېخنىكا، سەھىيە، ساغلاملىق ۋە مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى پائال ھەمكارلىقىمۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر