باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى: 2019-يىللىق خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئون تۈرلۈك سىياسەت-تەدبىر پىلانى ئېلان قىلىندى

2019.02.22 14:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئاينىڭ 21-كۈنى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 2018-يىللىق خەلق ئىشلىرى ئىسلاھاتى تەرەققىياتىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى خۇاڭ شۇشيەن خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئون تۈرلۈك سىياسەت-تەدبىرنى تونۇشتۇردى.

  بىرىنچى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكەل جېڭىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش جەريانىدىكى ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكىر مۇھاكىمە قىلىپ تۈزۈپ چىقىلىدۇ. يەرلىكنىڭ ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇشنى كاپالەتلەندۈرۈش، جىددىي، قىيىن مەسىلىلەرنى قۇتقۇزۇشتىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ.

  ئىككىنچى، تارقاق بېقىلىدىغان ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر تۈزۈپ چىقىلىدۇ. جايلارنىڭ تارقاق بېقىلىدىغان ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىشى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، قۇتقۇزۇش مۇلازىمىتىنى تەدرىجىي تۆۋەن كاپالەت، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەردىكى ياشانغانلار ۋە مېيىپلارغا كېڭەيتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ.

  ئۈچىنچى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكەل جېڭىدە نامرات، ئېغىر مېيىپلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، قاراش مۇلازىمىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش سالمىقى يەنىمۇ ئاشۇرۇلۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي كۈچلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكەل جېڭىگە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىنىدۇ ۋە يېتەكلىنىدۇ.

  بەشىنچى، شەھەر-يېزا مەھەللىلىرىنى ئىدارە قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى ۋە يېزا دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى سىياسەت پىكرىنى ئېلان قىلىش ئالغا سىلجىتىلىپ، يېزا ئاممىۋى مۇلازىمىتىدىكى كەمتۈكلۈك تولۇقلىنىپ، ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەتنى ئۈستىگە ئالغان يېزا-كەنتلەردە ئاممىغا قولايلىق مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش تېزلىتىلىدۇ.

  ئالتىنچى، ئاساسىي قاتلام ھۆكۈمەتلىرىدىكى ھەرقايسى فۇنكسىيەلىك تارماق ۋە تۈرلۈك كارخانا، كەسپىي ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى ئاپتونومىيە تەشكىلاتلىرىدىن تەلەپ قىلىدىغان ئىسپاتلىرى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلىنىپ، شەھەر-يېزا، مەھەللىلەر ئاھالىلەرگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدىغان فۇنكسىيەلىك ئورۇنغا قايتۇرۇلىدۇ.

  يەتتىنچى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى تىزىملاش، باشقۇرۇش نىزامى توغرىسىدا قانۇن چىقىرىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇش قانۇن-نىزام سىياسىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە ياخشى ئىشلەيدۇ.

  سەككىزىنچى، شەھەردىكى پاناھسىز سەرگەردان، تىلەمچىلەرنى قۇتقۇزۇش-باشقۇرۇش چارىسى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، سەرگەردان، تىلەمچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ.

  توققۇزىنچى، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن دەپنە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش نىزامىغا ماسلىشىپ، مۇلازىمەت بىلەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، دەپنە ئىشلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش سىياسەت ھۆججەتلىرى مۇھاكىمە قىلىنىپ تۈزۈپ چىقىلىپ، دەپنە ئىشلىرى ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.

  ئونىنچى، ئاساسىي قاتلامدىكى بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، قوغداش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر تۈزۈپ چىقىلىپ، بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇھىت يارىتىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر