باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا بوشىشىپ قېلىشقا بولمايدۇ (مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىنى چۈشەندۈرۈش- سىياسەت يەشمىسى)

2019.02.22 16:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىللىق مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى قىلچە بوشاشتۇرماستىن چىڭ تۇتۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشتىكى ھالقىلىق ۋەزىپىنىڭ بىرسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتۇش بۇ يىللىق يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم چوڭ ئىش.

  يېڭىلا ئاياغلاشقان بىر يىلدا، ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي مىقدارى 1 تىرىليون 315 مىليارد 800 مىليون جىڭغا يېتىپ، ئاشلىقتا يەنە مول ھوسۇل ئېلىندى. بۇ، ئېلىمىزنىڭ يىللىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ 2012-يىلىدىن بېرى ئۇدا يەتتە يىل 1 تىرىليون 200 مىليارد جىڭدىن ئېشىشى بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. جۇڭگو دۇنيانىڭ %9 تېرىلغۇ يېرى، %6.4 تاتلىق سۇ بايلىقىغا تايىنىپ، دۇنيا بويىچە %20 كە يېقىن نوپۇسنىڭ تاماق يېيىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق-يېزا ئىگىلىك مەھكىمىسىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى يوسىس گىرازىيانو داسىلۋا جۇڭگونىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا ئېرىشكەن نەتىجىلىرىنى ماختاپ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ دۇنياغا قوشقان ئاساسلىق تۆھپىلىرىنىڭ بىرى بولسا، دەل ئۆز دۆلىتىدىكى نوپۇسنى باقالىغانلىقىدۇر. جۇڭگونىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ چوڭ كۆلەمدە ئېشىشى جۇڭگو ئۆزىنى باقالمايدۇ دەيدىغان ئالدىن ئېيتىلغان قاراشنى مۇتلەق بىتچىت قىلدى.

  سىياسەتنى تۇراقلاشتۇرۇشتا، تۈزۈم تەمىناتىنى كۈچەيتىش كېرەك. مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يۆلەيدىغان سىياسەت-تەدبىرلەرنى تۇراقلاشتۇرۇپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سورت، تېخنىكا، ئاپەتنى ئازايتىش قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تۇراقلاشتۇرىدىغان، ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشۇرىدىغان ئىقتىدارلارنى قېزىپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق زىرائەتلىرىنى تېرىپ ئاساسىي جەھەتتىن پايدا ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىنىڭ پايدا تولۇقلىما مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىكى چوڭ ناھىيەلەرنى مۇكاپاتلاش سىياسەت تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. نۆۋەتتە، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىكى سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقى ۋە سىياسەت سىگنالى ئۈزلۈكسىز كۈچەيمەكتە. دۆلەت بۇغداي، شالنىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھا سىياسىتىنى ئۈزلۈكسىز يولغا قويۇپ، سېتىۋېلىش باھاسى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى. دۆلەت قوناق، سېرىق پۇرچاق ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ئامانەت قەرزى، سۇغۇرتا قاتارلىق قوللاش سىياسەتلىرىنى كۈچەيتتى.

  كۆلەمنى تۇراقلاشتۇرۇشتا، ئاساسىي ئېتىزلارنى تۇراقلاشتۇرۇپ، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 1 مىليارد 800 مىليون مو تېرىلغۇ يەرنىڭ قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنى ئالاھىدە قوغداش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنىڭ 1 مىليارد 546 مىليون مودىن ئارتۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ 1 مىليارد 650 مىليون مو بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى مۇقىم بولغان.

  ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېزا ئىگىلىك ئاساسىنى پۇختىلاپ، مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. 1 مىليارد نەچچە يۈز مىليون نوپۇسنىڭ قورساق مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش دۆلەت ئىگىلىكى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا چېتىلىدىغان مۇھىم مەسىلە. مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا، يۇقىرى قاتلاملىق لايىھە ۋە سىستېمىلىق پىلانلاشنى كۈچەيتىش كېرەك. شال ۋە بۇغداي چوقۇم ساقلاشقا تېگىشلىك سورت بولۇپ، قوناق ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، دانلىق زىرائەتتە ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەشكە ۋە ئوزۇق-تۈلۈكنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر