باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

توققۇز تارماق تۇغۇت چەكلەشنى ئايال خىزمەتچىلەرنى ئىشقا قوبۇل قىلىشتىكى شەرت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2019.02.22 15:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق توققۇز تارماق يېقىندا «ئىشقا قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتقان (تۆۋەندە ئۇقتۇرۇش دېيىلىدۇ). ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىنغان: ئىشقا قوبۇل قىلىش ھالقىسىدا، جىنسىي چەكلەشكە (دۆلەت بەلگىلىگەن ئاياللار ئەمگەك قىلىش چەكلىنىدىغان دائىرە قاتارلىق ئەھۋاللاردىن سىرت) ياكى جىنسىي پەرقى بويىچە ئاۋۋال تاللاشقا بولمايدۇ، جىنسىي پەرقىنى سەۋەب قىلىپ، ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى چەكلەشكە، ئاياللارنى خىزمەتكە قوبۇل قىلماسلىققا بولمايدۇ، تۇغۇتنى چەكلەشنى خىزمەتكە قوبۇل قىلىشنىڭ شەرتى قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ.

  مەلۇم بولۇشىچە، «ئۇقتۇرۇش»تا تەكلىپ قىلىش ھالقىسىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا جىنسىي كەمسىتىشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى ھەققىدە تەپسىلىي بەلگىلىمە چىقىرىلغان. ھەر تۈرلۈك ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار، ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ تەكلىپ قىلىش پىلانى تۈزۈش، تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش، ئادەم ئېلىش جەريانىدا جىنسىي چەك قويسا بولمايدىغانلىقى (دۆلەت بەلگىلىگەن ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ شۇغۇللىنىشى چەكلەنگەن ئەمگەك دائىرىسى قاتارلىق ئەھۋاللار بۇنىڭ سىرتىدا) ياكى جىنىس پەرقىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، جىنسىي باھانە بىلەن ئاياللارنىڭ خىزمەت ئىزدەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى چەكلەش، ئاياللارنى ئىشلىتىشنى رەت قىلىش، ئاياللارنىڭ تويلىشىش-تۇغۇت ئەھۋالىنى سوراش، ھامىلىدارلىق ئۆلچىمىنى ئىشقا چۈشۈشتىكى سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشنىڭ بىر تۈرى قىلىشقا بولمايدىغانلىقى، تۇغۇتنى چەكلەشنى ئىشقا قوبۇل قىلىشنىڭ شەرتى قىلىش، پەرقلىق ھالدا ئاياللارنى قوبۇل قىلىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈشكە بولمايدىغانلىقى ئېنىق تەلەپ قىلىنغان.

  «ئۇقتۇرۇش»تا ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاش تەلەپ قىلىندى. ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى بويىچە تەربىيەلەش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلار، گۆدەكلەرگە قاراش مۇلازىمىتى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، تۇغۇت سۇغۇرتىسى تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت ۋە شارائىت يارىتىش كېرەك. مەمۇرىي تەپتىش قانۇن ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلى، تۇغۇت مەزگىلى، بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە ئالاھىدە ئەمگەك مۇھاپىزىتى جەھەتتىكى ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۈز قىلىدىغان ھەرىكەتلەرنى قانۇن بويىچە جازالاش كېرەك. ئاياللار بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئوتتۇرىسىدا ئەمگەك كادىرلار تالاش - تارتىشى يۈز بېرىپ، كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا، قانۇن بويىچە ۋاقتىدا، تېز بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەشۋىقات ئارقىلىق يېتەكلەشنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، جىنسىي بىر تەرەپلىمە قاراشنى تەدرىجىي تۈگىتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنى ئاياللارنى ھۆرمەتلەش، ئاياللارغا كۆيۈنۈشكە يېتەكلەش، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنى قانۇننى بىلىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، ئاياللارنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىپ تۈرلۈك خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللاندۇرۇشقا يېتەكلەش، ئاياللارنى ئۆزىنىڭ يوللۇق ھوقۇق – مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر