باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەزنىڭ 1- نومۇرلۇق ھۆججىتىدە، دىققەت نۇقتىسى ئۇدا«يېزا،يېزا ئىگىلىكى ۋە دېھقانلار» خىزمىتىگە قارىتىلدى

يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يىلدا بىر يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى (بۇنى نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورنى ئېلان قىلدى)

2019.02.22 14:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىلمۇ يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان مەركەزنىڭ 1- نومۇرلۇق ھۆججىتىدە دىققەت نۇقتىسى ئۇدا 16 يىل «يېزا،يېزا ئىگىلىكى ۋە دېھقانلار»خىزمىتىگە قارىتىلغان بىر يىل بولۇپ، ھۆججەتتە فوكۇس جەزمەن يەنىلا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدىكى چوقۇم تاماملاشقا تېگىشلىك قاتتىق ۋەزىپە ئۆلچىمىگە توغرىلىنىپ، «يېزا،يېزا ئىگىلىكى ۋە دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى. 20- چىسلا ئۆتكۈزۈلگەن گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مەركەز يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى خەن چاڭفۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا ئېنىق بولغان ۋاقىت جەدۋىلى، لىنىيە خەرىتىسى ۋە ۋەزىپە نامىنى چۆرىدەپ، باسقۇچ خاراكتېرلىك خىزمەت تەدبىرلىرىنى بىر-بىرلەپ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە بىر يىلدا بىر يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ بەخت تۇيغۇسى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

  چوقۇم تاماملاشقا تېگىشلىك قاتتىق ۋەزىپىلەرنى چۈشەندۈرگەندە، خەن چاڭفۇ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىش بولسا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئەڭ چوڭ قاتتىق ۋەزىپىسى، ھەم مۇھىمنىڭ ئىچىدىكى مۇھىمى ۋە ئەڭ جىددىي بولغىنى. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتۇش بولسا، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا خىزمىتىنىڭ باشتىن-ئاخىر بىرىنچى چوڭ ئىشى ۋە مۇھىم ۋەزىپىسىدۇر. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىلقى 1- نومۇرلۇق ھۆججەتتە، يېزا ئىگىلىكىگە ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئاشلىقنى تۇتۇش ھەققىدە ئېنىق سىگنال قويۇپ بېرىلدى، دېمەك، كۆلەمنى مۇقىملاشتۇرۇش، مەھسۇلات مىقدارىنى مۇقىملاشتۇرۇش، سىياسەتنى مۇقىملاشتۇرۇش. ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ 1 مىليارد 650 مىليون موغا يېتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى قوللاش سىياسەت تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك.

  بۇ يىل يېڭى بىر نۆۋەتلىك يېزا ئىسلاھاتىنىڭ باشلىنىدىغان يىلى. خەن چاڭفۇ مۇنداق دېدى: دېھقانلار بىلەن يەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش يەنىلا يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يېتەكچى قىلىپ، يېزا ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ھۆددە يەر ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش، تىزىملاش، گۇۋاھنامە بېرىش خىزمىتى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى، يېزىلاردىكى ئۆيلۈك يەرلەر ۋە دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىنى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلماقتا، 2020- يىلى ئۆيلۈك يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بېكىتىش ۋە تىزىملاپ گۇۋاھنامە بېرىش خىزمىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن تامامالاش كېرەك. يېزىدىكى يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى دېگەن چوڭ ئىش، ئۇنى چوقۇم مۇقىم ھالدا ۋە ئېھتىيات بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېزىلاردىكى يەرلەرگە كوللېكتىپ ئىگىدارلىق قىلىش ۋە خۇسۇسىيلاشتۇرۇشنى يولغا قويماسلىق، دېھقانلارنىڭ يەر ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ھۆددە يېرى ۋە ئۆيلۈك يېرىدىن چېكىنىپ چىقىشنى شەھەرگە كىرىپ نوپۇسقا ئالدۇرۇشنىڭ شەرتى قىلماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، مۇشۇ چەكلەرنى ياخشى ساقلاش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر