خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ، 2- ئاينىڭ 24-كۈنى بېنگالنىڭ چىتتاگوڭ ئايرودرومىدا تارتىلغان سۈرەت بولۇپ، سۈرەتتىكىسى بۇلاشقا ئۇچراپ مەجبۇر قونغان يولۇچىلار ئايروپىلانى.
بېنگال ھەربىي تەرەپنىڭ خەۋىرىدە، 24- چېسلا مۇنداق دېيىلگەن: بېنگال ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى شۇ كۈنى ئۇچقاندىن كېيىن بۇلاشقا ئۇچراپ، مەزكۇر دۆلەتنىڭ چىتتاگوڭ ئايرودرومىغا جىددى قونغان. ئايروپىلاندىكى يولۇچىلار ھازىر بىخەتەر بولۇپ، ئايروپىلان بۇلاش ۋەقەسىنىڭ گۇماندارى ئالاھىدە قىسىم تەرىپىدىن يارىلاندۇرۇلغاندىن كېيىن، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى