باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىچكى موڭغۇلنىڭ شىلىنغۇل ئايمىقىدىكى بىر كان قۇدۇقىدا ھادىسە يۈز بەردى

جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش-بىر تەرەپ قىلىش مىنىستىرلىقى خىزمەت گۇرۇپپىسى نەق مەيدانغا يېتىپ باردى

2019.02.25 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش-بىر تەرەپ قىلىش نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 23- چېسلا چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى شىلىنغۇل ئايمىقى غەربىي ئۇجۇمۇچىن قوشۇنىنىڭ يىنمەن كانچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇدۇق ماشىنىسى قۇدۇق ئاستىغا ئىشچىلارنى توشۇۋاتقاندا، قۇدۇق ماشىنىسىدا زور بىخەتەرلىك ھادىسىسى يۈز بەرگەن، قۇدۇق ماشىنىسىدا جەمئىي 50 كىشى بار بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 20 كىشى قازا قىلغان، 30 كىشى يارىلانغان. ۋەقەنىڭ سەۋەبى قۇدۇق ماشىنىسى قۇدۇق ئاستىغا ئىشچى توشىغاندا، تورمۇز سىستېمىسىدا مەسىلە چىقىپ، قۇدۇق ماشىنىسى كونتروللۇقىنى يوقاتقانلىقتىن كېلىپ چىققان.

  نۆۋەتتە، يارىدارلارنىڭ ئالامىتى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، كارخانا ئالاقىدار خادىملارنى كونترول قىلىنغان. ئايماق پارتكوم خەلق ھۆكۈمىتى جىددىي كۈچ تەشكىللەپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرماقتا. ئاپتونوم رايوننىڭ مەسئۇل رەھبەرلىرى نەق مەيدانغا بېرىپ يېتەكچىلىك قىلىدى.

  ھادىسە مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش-بىر تەرەپ قىلش مىنىستىرلىقى دەرھال جىددىي مېخانىزمنى يولغا قويدى، جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش-بىرتەرەپ قىلش مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فۇ جيەنخۇا خىزمەت گۇرۇپپىسى باشلاپ نەق مەيدانغا بېرىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن يەرلىككە ماسلىشىپ، قۇتقۇزۇش ۋە ھادىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر