باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

3- ئايدىكى يېڭى بەلگىلىمە: ئاز ئۇچرايدىغان كېسەلگە گېرىپتار بولغان بىمارلار ئىشلىتىدىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى 21 خىل دورىنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجى %3 بويىچە ئېلىنىدۇ

2019.02.25 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2- ئاينىڭ 11- كۈنى ئېچىلغان گوۋۇيۈەن دائىمىي يىغىنىدا مۇنۇلار ئورۇنلاشتۇرۇلدى: راك كېسىلىگە بالدۇر دىئاگنوز قويۇش، بالدۇر داۋالاش ۋە دورا ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرىنى كۈچەيتىپ، ئاز ئۇچرايدىغان كېسەلگە گېرىپتار بولغان بىمارلار ئىشلىتىدىغان 21 خىل دورىغا ئېلىنىدىغان قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئېتىبار بېرىش قارار قىلىندى. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاز ئۇچرايدىغان كېسەلگە گېرىپتار بولغان 20 مىليوندىن ئارتۇق بىمارنىڭ دورا ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. 3- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، ئاز ئۇچرايدىغان كېسەلگە گېرىپتار بولغان بىمار ئىشلىتىدىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى21 خىل دورا ۋە تۆت خىل خام دورا، راكقا قارشى دورىلارنىڭ ئىمپورت ھالقىسىغا ئېلىنىدىغان قوشۇلما قىممەت بېجىنى %3 بويىچە ئازايتىشتىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ھالقىدىمۇ %3 بويىچە قوشۇلما قىممەت بېجى ئېلىشنى تاللاشقا بولىدۇ.

  2018-يىلى دۆلەت يەنە راكقا قارشى دورىلار دېگەندەك دورىلارنىڭ ۋە دورا خام ئەشيالىرىنىڭ بېجىنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويدى. ئاز ئۇچرايدىغان كېسەلگە ئىشلىتىلىدىغان دورىلارغا قارىتىلغان قوشۇلما قىممەت بېجىدا بۇ قېتىمقى ئېتىبار بېرىش سىياسىتى بولسا، ئۆتكەن يىلى راكقا قارشى دورىلارنىڭ بېجىنى ئازايتقاندىن كېيىنكى يەنە بىر پايدىلىق سىياسەت بولدى. بۇ قېتىمقى باج كېمەيتىش سىياسىتى ئاز ئۇچرايدىغان كېسەلگە گېرىپتار بولغان بىمارلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، دورا باھاسىنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق، بىمارلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مالىيە ئىستراتېگىيەسى تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ياڭ جېۋېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ سىياسەت بولسا، باج ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئىپادىسىدۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر