- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ جۈنجېڭ سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسىلىق ۋەزىپىسىنى قوشۇمچە ئۆتەيدۇ
2019.02.26 15:44 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 25-فېۋرال، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي-قانۇن كومىتېتى ئومۇمىي يىغىن ئاچقان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جۈنجېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان. بايقىلىشىچە، بۇ، ۋاڭ جۈنجېڭ بۇ يىل 2-ئايدا جىلىن ئۆلكىسىدىن يۆتكىلىپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغاندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سالاھىيىتى بىلەن تاراتقۇلاردا ئاشكارا نامايان بولۇشى ئىكەن.
خەلق تورىنىڭ «يەرلىك رەھبەرلەر ماتېرىيال ئامبىرى»دىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق شۇجىسى جۇ خەيلۇن بۇ يىل 1-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىلىقىغا تەيىنلەنگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر